باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىر، ئاممىسى ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

2017.01.16 10:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەسىدىكى قۇربان تۇلۇمنىڭ چوڭ قىزى توختىخان قۇربانغا جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى ھەم يۇرتداشلارغا سالام يوللىدى شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كېلەچىكىنى بىرلىكتە يارىتىشىنى ئۈمىد قىلدى. بۇ خەۋەر تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسى ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى، كۆپچىلىك پارتىيەنى، ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولىدىغانلىقىنى بەس-بەستە بىلدۈردى.

  ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەلىك يېمەكلىك، دورا نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فەن چۈنگۇاڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتى بىزگە تىلەك، ئىلھام بولدى، تېخىمۇ مۇھىمى بىزدە كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ئويغاتتى، بىز پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، باش شۇجىنىڭ سەمىمىي ئۈمىدىنى چوقۇم خىزمەتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى يېتەكلەپ، تېخىمۇ مۇقىم، ئىناق، باياشات بولغان شىنجاڭنى تېرىشىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

  غۇلجا شەھىرىدىكى مەھەللە كادىرى مەدىنە مۇھەممەت ئۆزىنىڭ بۇ خەۋەردىن ناھايىتى ھاياجانلانغانلىقىنى ئېيتىپ، قۇربان تاغىمىزنىڭ ئېشەككە مىنىپ بېيجىڭغا بارماقچى بولغانلىقى ھەققىدىكى ھېكايە شىنجاڭدىكى نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرگە تەسىر قىلغان، بۈگۈنكى كۈندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇنىڭ بالا-چاقىسىغا جاۋاب خەت يېزىپ، شىنجاڭ خەلقىگە بولغان تىلىكىنى يەتكۈزدى، مەن بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ناھايىتى تەسىرلەندىم، بىز چوقۇم باش شۇجى ئېيتقاندەك، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، شىنجاڭنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ، ھەممە مىللەت بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولىمىز.

  غۇلجا شەھىرىدە ئېلان شىركىتى قۇرۇغان قازاق ئىستۇدېنت ساغىرە خالىق 2014-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىگىلىك تىكلىگەن ئىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: مەن ئىككى يىلدىن بۇيان ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ كۈچلۈك قوللىشىغا ئېرىشتىم، باش شۇجىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە يوللىغان سالىمى مېنى بەك ھاياجانلاندۇردى، مەن بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، قەلبىم ئىللىقلىققا تولدى، مەن ئەمدىلا ئىگىلىك تىكلىگەن ئىستۇدېنت بولۇش سۈپىتىم بىلەن، قەرز ئېلىش، شىركەت ئورنىغا ئېرىشىش جەھەتلەردە ھۆكۈمەتنىڭ كۈچلۈك قوللىشىغا ئېرىشتىم، مەن پارتىيە ۋە پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە رەھمەت ئېيتىمەن، مەن بۇندىن كېيىن گۈزەل يۇرتۇمنىڭ، مەن قىزغىن سۆيىدىغان شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشىمەن.

  سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى فۇكاڭ شەھىرى فۇشىن كوچىسى مەدەنىيەت يولى مەھەللىسىدىكى كادىرلار ۋە بۇ مەھەللە تەۋەسىدىكى ئاھالىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىدىن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسىغا بولغان غەمخورلۇق، كۆيۈنۈش گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ، قۇربان تۇلۇم ۋە ئۇنىڭ قىزى توختىخان قۇرباننىڭ پارتىيەگە، ۋەتەنگە بولغان مۇھەببىتى-شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىغا ئۈلگە بولۇپ كەلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتى توختىخان قۇربان ئائىلىسىگە ئىلھام بېرىپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت پەرزەنتلىرىگە تېخىمۇ رىغبەت بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر