باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«غەربىي يۇرت گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى توپلىمى» نەشر قىلىندى

2017.01.16 14:32         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق نەشر تۈرى «غەربىي يۇرت گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى توپلىمى» يېقىندا نەشر قىلىندى.

  شىنجاڭ مەدەنىيەت نەشرىياتى بىلەن تيەنجىن گۈزەل سەنئەت نەشرىياتى ئۈچ يىل تىرىشىش ئارقىلىق جەمئىي 12 توملۇق «غەربىي يۇرت گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى توپلىمى»نى تۈزۈپ چىقتى. توپلام قىياتاش رەسىملىرى، رەسساملىق، ھەيكەلتىراشلىق، ھۈنەر- سەنئەت، كىيىم- كېچەك، قۇرۇلۇش، كۈسەن قىزىل مىڭئۆي تام رەسىملىرى، كۈسەن قۇمتۇرا مىڭئۆيى غارىدىكى تام رەسىملىرى، ئىدىقۇت مىڭئۆي تام رەسىملىرى قاتارلىق قىسىملارغا بۆلۈنگەن. توپلامغا غەربىي يۇرت ئىلمى ۋە غەربىي يۇرت گۈزەل سەنئەت تەتقىقاتىدىكى يېڭى نەتىجىلەر كىرگۈزۈلگەن. بۇ جۇڭگودىكى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنى رەتلەپ، ساقلاپ، نامايان قىلىپ، ئەۋج ئالدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىدىغان نەشر تۈرى ھېسابلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر