باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى سىن يىغىنى ئاچتى

كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى پولاتتەك ئىنتىزام ۋە ئېسىل ئىستىل بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك

2017.01.16 14:35         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايون 1- ئاينىڭ 14- كۈنى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى سىن يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇردى ۋە ئەمەلىيلەشتۈردى، نەتىجىلەرنى يەكۈنلەش ۋە مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش ئاساسىدا، يېقىنقى مەزگىلدىكى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  لى پېڭشىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بىر يىلدىن بۇيانقى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمى كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ. جايلار، تارماقلار ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كەسكىن بولۇۋاتقان مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىيىتى ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىناقلىق، مۇقىملىققا بولغان تەلپۈنۈشىگە ئاساسەن، كاللىنى ھەر ۋاقىت سەگەك تۇتۇپ، كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنىڭ مۇقىملىقنى ساقلاشتىكى «بىرىكمە مۇشت»نى دەل جايىغا ئېتىشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم تۇتقىسى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى يەنىمۇ ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئېلىپ، خالىس تۆھپە قوشۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلەپلىرىنى جەزمەن دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

  لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بۇ يىلدىن باشلاپ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى ئەترەتلىرىنىڭ چاغان مەزگىلىدە ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، بايراملىق نۆۋەتچىلىك، مۇقىملىقنى قوغداش، ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلىش، ھال سوراش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەزمۇنىدىكى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، 3- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن كېيىن قايتىپ كېلىشىنى؛ 2017- يىلى كەنتتە تۇرۇشقا چۈشىدىغان خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ باشلىقلىرى ۋە بىر، ئىككىدىن تايانچ كادىرنىڭ 2- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن بۇرۇن ئۆز نۇقتىلىرىغا بېرىپ، خىزمەتلەرگە قاتنىشىشىنى، باشقا ئەزالارنىڭ 3- ئاينىڭ 1- كۈنىگىچە نۇقتىلىرىغا بېرىپ بولۇشىنى قارار قىلدى. چاغان مەزگىلىدە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى ئەزلارنى ئەھۋالغا قاراپ نۆۋەت بىلەن دەم ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرسا بولىدۇ، لېكىن ئۈچتىن ئىككى قىسىم ئەزانىڭ ئىش ئورنىدىن ئايرىلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، پارتىيەگە، خىزمەتكە، خەلق ئاممىسىغا مۇتلەق سادىق بولۇش، «كىچىك ئائىلىنى قويۇپ تۇرۇپ، چوڭ ئائىلىنىڭ غېمىنى قىلىش»تەك خەلقچىللىق بىلەن، شەرت قويماي، ئىشنى تولۇق قىلىپ، ئۆز ئورنىدا ئەڭ ئاخىرىغىچە چىڭ تۇرۇشى، كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىشى كېرەك. مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى نەمۇنىچىلەردىن، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇپ، تەشكىل ۋە خەلققە رازى بولغۇدەك جاۋاب بېرىشى كېرەك.

  لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلار، تارماقلار ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، يۈكسەك سىياسىيۋىلىك ۋە مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىش پوزىتسىيەسى بىلەن، كەنتتە تۇرۇش خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيەدە بوشىشىپ قالماسلىقى، ئۆلچەمنى تۆۋەنلەتمەسلىكى، كۈچنى ئاجىزلاتماسلىقى كېرەك. كەنتتە تۇرۇشلۇق كۈچلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، مۇقىملىقنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىۋى خىزمەتنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، دىنلار ئىناقلىقىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزى تۇرۇۋاتقان كەنتنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزامنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ناتوغرا ئىستىلغا جەڭ ئېلان قىلىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق، راھەتپەرەسلىك، ئىسراپخورلۇق ۋە قۇرۇق گەپ سېتىش، ئەمەلىي ئىش قىلماسلىق، لاغايلاپ يۈرۈش، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك قىلىش» ھادىسىلىرىنى قاتتىق تۈزەپ، پولاتتەك ئىنتىزام ۋە ئېسىل ئىستىل بىلەن كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىدە ئەمەلىي ئۈنۈم قازىنىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ما شۆجۈن رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن نىجات سۇلتان، جەرۇللا ھېسامىدىن، ۋەن خەيچۈەن، سۇڭ خاۋ يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر