باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پارتىيەنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى 1-مەسئۇل كىشى بولۇشتەك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك

2016.12.16 14:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى "پارتىيەنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرىنىڭ قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بىرىنچى مەسئۇل كىشى بولۇشتەك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش بەلگىلىمىسى»نى تارقاتتى ھەمدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، رايونلار، تارماقلاردىن شۇ بويىچە ئىجرا قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. بۇ «بەلگىلىمە» ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ.

  بەلگىلىمىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيەنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى 1-مەسئۇل كىشى بولۇشتەك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى خۇجا بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئاساسى قانۇن ۋە قانۇن ھەممىدىن ئۈستۈن بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سۆزىنى قانۇننىڭ ئورنىغا قويۇشقا، ھوقۇق ئارقىلىق قانۇننى بېسىشقا، شەخسى غەرەز بىلەن قانۇننى بۇزۇشقا قەتئىي قارشى تۇرۇش كېرەك؛ بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇن بويىچە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈش، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەت، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان ھۆكۈمەت، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان جەمئىيەت بىر گەۋدە قۇرۇلۇشىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك؛ ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەت بىردەك بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھوقۇق بولغانىكەن مەجبۇرىيەتمۇ بولۇش، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلارنى جەزمەن سۈرۈشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ ئۆزى ئۈلگە بولۇش، باشلامچى بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن قانۇنغا ئەمەل قىلىش، قانۇننى ئۆگىنىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇندىن پايدىلىنىشقا يېتەكلەش كېرەك.

  پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى بىرىنچى مەسئۇل كىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم تەشكىللىگۈچىسى، تۈرتكە بولغۇچىسى ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىسى بولۇشتەك مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىلمىي قانۇن چىقىرىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا رىئايە قىلىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى ۋە قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، زىددىيەتنى ھەل قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداشقا تۈرتكە بولۇشنى ئاڭلىق تەتبىقلاپ، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم خىزمەتنى ئۆزى ئورۇنلاشتۇرۇپ، چوڭ-چوڭ مەسىلىلەرنى ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەپ، نۇقتىلىق ھالقىلارنى ئۆزى ماسلاشتۇرۇپ، مۇھىم ۋەزىپىنى بېجىرىشكە ئۆزى ھەيدەكچىلىك قىلىپ، شۇ جاينىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ئىزىغا سېلىش كېرەك.

  «بەلگىلىمە»دە پارتكومنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرىنىڭ قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا ئادا قىلىشقا تېگىشلىك ئالاقىدار مەسئۇلىيىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. «بەلگىلىمە»دە يەنە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى : قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە بىرىنچى مەسئۇل كىشى بولۇشتەك خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالى پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرىنىڭ يىل ئاخىرىدىكى خىزمىتىدىن دوكلات بېرىش، سىياسىي نەتىجىسىنى باھالاش كۆرسەتكۈچى سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلىدۇ ھەمدە قەرەللىك تەكشۈرۈش، مەخسۇس تۈر بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈلىدۇ.

  پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىدىكى بىرىنچى مەسئۇل كىشى بولۇشتەك خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان ياكى توغرا ئادا قىلمىغان بولسا، «جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش نىزامى» قاتارلىق پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە-نىزام ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن ، نىزامى بويىچە مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلۈشى كېرەك.

  بۇ بەلگىلىمە 2016-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر