باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېزا يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

2016.12.16 14:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىچكى موڭغۇلنىڭ شىڭئەن ئايمىقى جالەيت قوشۇنى خۇڭۋېي كەنتىدە «بىرنى ئاشۇرۇش، بىرنى ئازايتىش، بىرنى ئىلگىرى سۈرۈش، بىرنى چېكىندۈرۈش» قېلىپى كەنت ياچېيكا شۇجىسى جۇ شۇاڭشەن دائىم ئېيتىدىغان سۆز بولۇپ قالدى. كەنتتە شال كەسپى كوپىراتىپى قۇرۇلۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى كۆلەملەشتۈرۈپ تېرىش يولغا قويۇلدى، دېھقانلار يەرنى يۆتكەپ بېرىش ئۇسۇلى بىلەن يەردە كوللېكتىپ تېرىقچىلىق قىلدى، يەر كۆپەيدى، ئەمگەك كۈچى ئازاد بولدى، شۇنىڭ بىلەن تەڭ دېھقانلار ئۆيىنىڭ يېنىدىكى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا بېرىپ ئىشلەيدىغان بولدى. بۇ يەردە يىل بويى ئىشلىسە، ئىشچىلار 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپالايدۇ؛ يىل ئاخىرىدا يەنە قىزىل بولاق قوشۇپ تارقىتىلىدۇ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كىرگەندىن كېيىن 1 مو يەرگە 400 يۈەن پۇل بېرىلىدۇ، يىلسېرى ئېشىپ، بىر يىلدا 50 يۈەن قوشۇلىدۇ. يېزا كوللېكتىپ يەرلىرىنىڭ ھۆددە ھوقۇقى، تىجارەت ھوقۇقىنى دېھقانلارنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇش-نەچچە يىلدىن بۇيان جايلار ئىزدىنىپ كېلىۋاتقان يۆنىلىش، شۇنداقلا بۇ يىل مەركەز بېسىپ تارقاتقان«يېزا يەرلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ھۆددىگە ئېلىش ھوقۇقى تىجارەت ھوقۇقىنى ئايرىش چارىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىردە» ئايدىڭلاشتۇرۇلغان بىر مەزمۇن. مەركەز يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى چېڭ شىۋېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئومۇمىيلىققا چېتىلىدىغان بۇ ئىسلاھاتتا دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك. ئۇ مۇنداق دېدى: دېھقانلارغا ۋەكىللىك قىلىپ تاللاشقا بولمايدۇ، تاللاش ھوقۇقىنى دېھقانلارنىڭ ئۆزىگە بېرىش، دېھقانلارنىڭ ئۆزىگە تاللاتقۇزۇش كېرەك. يەرنى ھۆددىگە ئېلىش تىجارەت ھوقۇقى يۆتكەلسۇن يۆتكەلمىسۇن ياكى دېھقانلار شەھەرگە كىرسۇن ياكى كىرمىسۇن، ھەممىدە دېھقانلارنىڭ ئۆزى تاللىشى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئۈلگە كۆرسىتىشكە يېتەكلىشى كېرەك. ئەمما مەجبۇرىي بۇيرۇق چۈشۈرۈشكە، دولقۇن كۆتۈرۈشكە، بىر تاياقتا ھەيدەشكە بولمايدۇ. يېزا يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى قانداق ئىسلاھ قىلىشتىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ ئاخىرقى چېكى بولىدۇ، يېزا يەرلىرىنىڭ كوللېكتىپ مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىنى خاتا ئۆزگەرتىشكە، تېرىلغۇ يەرلەرنى ئازايتىشقا، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا، دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچرىتىشقا بولمايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر