باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

12- ئاينىڭ 14-كۈنى، تۆت پىدائىينىڭ ئالەم بوشلۇقىدا ئۆز-ئۆزىنى تەمىنلەيدىغان تۇرمۇشى ئاخىرلاشتى

يەر شارى سىرتىدا 180 كۈن ياشاش سەھىپىسى ئېچىلدى

2016.12.15 19:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئاينىڭ 14-كۇنى سائەت 11 دە ، شېنجېنغا جايلاشقان ئالەم بوشلۇقى پەن-تېخنىكا جەنۇب تەتقىقات ئورنىدا، تاڭ يۇڭكاڭ، لۇجيې، ۋۇ شىيۈن، توڭ فېيجۇ قاتارلىق تۆت پىدائىي 370 كۋادرات مېتىرلىق ئاۋىئاتسىيە ئالەم بوشلۇقىدا 180 كۈن ياشاپ، ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلەيدىغان تۇرمۇشىنى ئاخىرلاشتۇردى. ئۇلار سىرتتا ساقلاۋاتقان ئائىلىسىدىكىلىرى، دوستلىرى بىلەن قىزغىن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى،بۇ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان، «يېشىل پلانت بوشلۇقى» دىكى تۆت كىشى 180 كۈن كونترول قىلىنىپ، ئېكولوگىيەلىك ھاياتلىقنى قوغداش تەجرىبىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.

  ئىنسانلارنىڭ ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدىكى ئىزدىنىش قەدىمى ئەزەلدىن توختىمىدى، سەييارىلەر ئارا بوشلۇققا قانداق قىلىپ ئۇزاق مۇددەت ياشاش ئالىملار تەتقىق قىلىدىغان قىزىق نۇقتا. بۇ قېتىمقى تەجرىبىنىڭ تېخنىكا مەسئۇلى، جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى سىستېمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش لايىھەلىگۈچىسى لى باۋخۇي مۇنداق قارىدى: بۇ قېتىمقى 180 كۈنلۈك تەجرىبە، كەلگۈسى ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش ۋە يەر شارىنىڭ سىرتىدىكى ھاياتلىقىنى قىممەتلىك تەجرىبە سانلىق مەلۇماتى بىلەن تەمىنلىدى، ئۇ، يەر شارىنىڭ سىرتىدا ياشاشقا كاپالەتلىك قىلىش سىستېمىسى تېخنىكىسىنى ئىگىلەشنىڭ مۇھىم باشلىنىشى.

  كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، يۇلتۇزلار ئارا ئۇچۇش ۋە ئۇزاق مۇددەت تۇرۇش، يەر شارى سىرتىدا ياشاش مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىش ۋە ھەل قىلىش مەسىلىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش

  تۆت پىدائىي بۇ يىل 6-ئاينىڭ 17-كۈنى ئاۋىئاتسيە بۆلمىسىگە كىرىپ، 3- ئاينىڭ 14-كۈنى چىقتى، ھازىر تۆت ئادەمنىڭ ئەھۋالى ياخشى، ئۇلار ھىم ئېتىلگەن شارائىت ئېلىپ كەلگەن جىسمانىي ۋە روھىي بېسىمنى يەڭدى، .ئۇلارنىڭ تۈرلۈك فىزىيولوگىيەلىك، پىسخىكىلىق كۆرسەتكۈچىدە روشەن نورمالسىزلىق كۆرۈلمىدى.

  180 كۈندە، يەر شارى سىرتى پەن-تەتقىقات خادىملىرى پىدائىيلار بىلەن بىللە، تۈرلۈك پەن-تەتقىقات تەجرىبە ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇندىدى. بەش تۈردىكى 25 خىل ئۆسۈملۈك ساغلام ئۆستى، ئىككى چوڭ پەننىڭ تەجرىبىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان 21 تۈرى تەرتىپلىك يولغا قويۇلۇپ، ئىككى چوڭ پەننىڭ 1700 دىن ئارتۇق سانلىق مەلۇماتى ئۇدا يىغىلدى. تەجرىبىدە تۆت پىدائىيغا كېرەكلىك ئوكسىگېن، سۇنى قايتا ھاسىل قىلىش خاراكتېرلىك تەمىنلەش ۋە قىسمەن يېمەكلىكلەرنى قايتا ھاسىل خاراكتېرلىك تەمىنلەش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. پىدائىيلار يەنە 18 تۈرلۈك مېدىتسىنا تەجرىبىسىگە قاتنىشىپ ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ، زور مىقتاردىكى قىممەتلىك ئىلمىي تەتقىقات سانلىق مەلۇماتلارنى توپلىدى.

  لى يىڭخۈي ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى تەجرىبە كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن يۇلتۇزلار ئارا ئۇچۇش ۋە توختاش، پەن-تېخنىكىدا مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئىلگىرىلەيدىغان ئىزدىنىش خاراكتېرلىك بىر تۈر. ئىنسانىيەتنىڭ يېقىن ئوربىتا ئالەم بوشلۇقىدا ئۇزاق مۇددەت تۇرۇشى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغاندىن كىيىن، يەر شارى سىرتىدىكى تاشقى پلانت بازىسى چوقۇم كېيىنكى نىشان، بىراق مەيلى ئاي شارى ياكى مارىس بولسۇن، ئالدى بىلەن ئادەمنىڭ تاشقى پلانتتا ياشاش ۋە ساغلاملىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك. بۇ قېتىمقى تەجرىبىنىڭ يادرولۇق ۋەزىپىسى 3-ئەۋلاد مۇھىتنى كونترول قىلىش ۋە ھاياتلىقنى كاپالەتلەندۈرۈش تېخنىكىسىنىڭ ئالدىن كۆرەرلىكىنى تەتقىق قىلىش.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر