باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كىرا ئاپتوموبىلى ئىسلاھات لايىھەسى ۋە توردا كېلىشىدىغان كىرا ئاپتوموبىللىرىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى يولغا قويۇلىدۇ

كىرا ئاپتوموبىللىرى بىلەن توردا كېلىشىش قانۇنلۇق بولدى

(سىياسەت توغرىسىدىكى چۈشەنچە)

2016.07.29 15:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. «كىرا ئاپتوموبىلى كەسپى ئىسلاھاتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يېتەكچى پىكىر» دېيىلىدۇ)، «كىرا ئاپتوموبىللىرىنى توردا كېلىشىش تىجارەت مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ۋاقىتلىق چارە» دېيىلىدۇ) نىڭ سىرتقا ئېلان قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئىككى يىلغا سوزۇلغان كىرا ئاپتوموبىللىرى ئىسلاھات لايىھەسى ۋە كىرا ئاپتوموبىللىرىنى توردا كېلىشىش يېڭى بەلگىلىمىسىنى كېڭىشىش پىكرى ئاخىرى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇلدى، كىرا ئاپتوموبىللىرىنى تورا كېلىشىشنىڭ ئېلىمىزدىكى قانۇنىي ئورنى شۇنىڭدىن باشلاپ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ «ۋاقىتلىق چارە» يولغا قويۇلغاندا، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان شەخسىي كىرا ئاپتوموبىللىرى بەلگىلىك تەرتىپلەر ئارقىلىق توردا كېلىشىدىغان كىرا ئاپتوموبىلغا ئۆزگەرتىلىپ، مەخسۇس ئاپتوموبىل تىجارىتىگە كىرگۈزۈلىدۇ.

  «لايىھە» ئېلان قىلىنىش بىلەن بىللە، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئالاقىدار مىنىستىر، كومىتېتلارنىڭ مەسئۇللىرىنى چۈشەندۈرۈشكە تەكلىپ قىلدى.

  ھەرقايسى شەھەرلەر سەييارە ئاپتوموبىل، توردا كېلىشىدىغان كىرا ئاپتوموبىل سانى ۋە كىرا ھەققىنى ئۆز ئالدىغا بېكىتىدۇ

  تورا كېلىشىدىغان كىرا ئاپتوموبىللىرى ئارقىلىق شەھەر ئاھالىسىنىڭ سەپەر شارائىتى ياخشىلانسىمۇ، بىراق يەنە توشۇغۇچىنىڭ مەسئۇلىيەت سۇبيېكتى ئېنىق بولماسلىق، يولۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە شوپۇرلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتى كاپالەتكە ئىگە بولماسلىق، شەخسلەر ئۇچۇرلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىش خەۋپ-خەتىرى يۇقىرىراق بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرمۇ بارلىققا كەلدى. بۇنداق ئەھۋالدا، قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقى 2015-يىلىنىڭ بېشىدىن باشلاپ ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ ئىسلاھات ئىشلىرىنى يولغا قويدى. قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ليۇ شياۋمىڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: پۈتكۈل ھۆججەتنىڭ تەييارلىنىشىغا ئىككى يىل سەرپ قىلىندى.

  بىر تەرەپتىن، ئاددىي ھالدا «بىر چەكلەش بىلەنلا تاشلاپ قويۇشقا بولمايدۇ».

  نۆۋەتتە خەلقئارادا توردا كېلىشىدىغان كىرا ئاپتوموبىللىرىنى باشقۇرۇشتا پىكىر بىرلىكى شەكىللەنمىدى، گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئىسپانىيە، ياپونىيە، سىنگاپور قاتارلىق كۆپ قىسىم دۆلەتلەر ۋە شەھەرلەردە كىرا ئاپتوموبىللىرىنى توردا كېلىشىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش چەكلەنگەن، ئامېرىكىنىڭ ئوخشىمىغان ئىشتاتلىرىمۇ ئوخشىمىغان باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويغان. ليۇ شياۋمىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: توردا كېلىشىدىغان كىرا ئاپتوموبىللىرىنى «بىر چەكلەش بىلەنلا تاشلاپ قويمىدۇق»، بەلكى يېڭى كەسىپ ئالاھىدىلىكىگە ئەڭ زور چەكتە ماسلاشتۇرۇپ، تۈزۈم لايىھەسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىجازەت شەرتىنى ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ بېكىتىپ، ئىجازەت تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، قېلىپلاشتۇرۇپ راۋاجلاندۇرۇشنى قوللىدۇق. «ۋاقىتلىق چارە» دۇنيا بويىچە تۇنجى دۆلەت قاتلىمىنىڭ تورا كېلىشىدىغان كىرا ئاپتوموبىللىرىنى باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش نىزامى.

  يەنە بىر تەرەپتىن، شۇ جاينىڭ شەرت-شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، تەدبىرلەرنى شەھەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ يولغا قويۇش كېرەك.

  بۇ قېتىمقى ئىسلاھات دۆلەت قاتلىمى، بولۇپمۇ كىرا ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئورنىنى بەلگىلەش، سەييارە كىرا ئاپتوموبىللىرىنىڭ تىجارەت ھوقۇقى قاتارلىق جەھەتلەردىكى چوڭ يۆنىلىش ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، شەھەرلەرگىچە كونكرېتلاشتۇرۇلۇپ، سەييارە ئاپتوموبىل ۋە تورا كېلىشىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ سانى، كۆلىمىنى قانداق باشقۇرۇپ تىزگىنلەش، كىرا ھەققىنى قانداق جانلىق تەڭشەش، تورا كېلىشىدىغان كىرا ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئاپتوموبىل شارائىتىنى قانداق بېكىتىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ھەرقايسى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بەلگىلىشىگە قالدۇرۇلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر