باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 56 - قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئاچتى

2016.07.29 14:51         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 28 - ئىيۇل چۈشتىن كېيىن 56 - قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئاچتى، يىغىندا ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەرنىڭ دائىمىي كومىتېت 23 - قېتىملىق يىغىنىنىڭ تۈرلۈك قارالمىلىرىغا قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدا بەرگەن دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نەيىم ياسىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ «ئاپتونوم رايوننىڭ <تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى (دەسلەپكى لايىھەنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى)»گە قاراپ چىقىش ئەھۋالى، «بايىنبۇلاق ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش نىزامى» ۋە «بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ نىزام چىقىرىش تەرتىپى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە(تۈزىتىش لايىھەسى)»نى تەكشۈرۈش ئەھۋالى؛ دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ 2015 - يىللىق شۇ دەرىجىلىك نەق چوتى توغرىسىدىكى قارارى (لايىھە)غا قاراپ چىقىش ئەھۋالى؛ دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ ئارال قاتارلىق بەش ناھىيە دەرىجىلىك بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر(ناھىيە)لىك، يېزا ئىككى دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمىنىڭ ۋاقتىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى قارار(لايىھە)، ئايرىم (دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى) ئەزالارنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى قارار(لايىھە)، قىسمەن ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى دوكلات، كادىرلارنى تەيىنلەش - قالدۇرۇش تەكلىپىگە قاراپ چىقىش ئەھۋالى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىگە ئاساسەن، يۇقىرىدىكى قارار(لايىھە)، دوكلات ۋە كادىرلارنى تەيىنلەش - قالدۇرۇش ئىسىملىكى(لايىھە)نى ئومۇمىي يىغىندا ئاۋازغا قويۇشقا سۇنۇش قارار قىلىندى.

  يىغىندا دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ «قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنى باشقۇرۇش نىزامى(لايىھە)»غا قاراپ چىقىش ئەھۋالى، «ئاپتونوم رايوننىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش نىزامى (لايىھە)»غا قاراپ چىقىش ئەھۋالى، «ئاپتونوم رايوننىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش نىزامى(لايىھە)»غا قاراپ چىقىش ئەھۋالى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىگە ئاساسەن، يۇقىرىقى نىزاملارنى يەنىمۇ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ دەلىللەش ۋە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈش، بۇنىڭدىن كېيىنكى دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا 2 - قېتىم قاراپ چىقىشقا سۇنۇش قارار قىلىندى

  يىغىندا يەنە دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ «ئاپتونوم رايون بويىچە پۇقرالار ئارىسىدا 7 - بەش يىللىق قانۇن ئىدارە قىلىش تەشۋىقات - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى قارار(لايىھە)»، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ 6 - بەش يىللىق قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارارىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 7 - بەش يىللىق قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش يىرىك پىلانى توغرىسىدىكى دوكلاتقا قاراپ چىقىش ئەھۋالى؛ دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق پىلان، خامچوتنى ئىجرا قىلىش ئاھۋالى، تەپتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئۈچ دوكلاتى، شۇنىڭدەك نەق چوت تەكشۈرۈش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتقا قاراپ چىقىش ئەھۋالى؛ دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ «ئاپتونوم رايوننىڭ دىن ئىشلىرى نىزامى»نىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، 2016 - يىللىق «تەڭرىتاغ مۇھىت ئاسراش سەپىرى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتقا قاراپ چىقىش ئەھۋالى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىگە ئاساسەن، يۇقىرىقى قارار، دوكلاتلارنى رەتلەپ، تەرتىپ بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھاكىمە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش قارار قىلىندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن ۋاڭ يۇڭمىڭ، ما مىڭچېڭ، دۇڭ شىنگۇاڭ، جاڭ بو، نىجات سۇلتان، باش كاتىپ ئەسقەر تۇرسۇن يىغىنغا قاتناشتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى مۇتەللىپ ئوبۇل، دائىمىي كومىتېتنىڭ ھەر قايسى خىزمەت تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر