باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2016.07.28 14:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جايلار ۋە تارماقلارنىڭ چوڭ تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەپتىش قىلىش ئەھۋالىنىڭ دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، مۇكاپاتلاش-جازالاش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى؛ قانۇن ئىدارە قىلىدىغان، بازارلاشقان ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللاش مېخانىزمى ئورنىتىلىپ، كەسىپنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى قاراتمىلىق كۈچەيتىدىغان تەدبىرلەر بېكىتىلىپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن، قىممەت بولۇش مەسىلىسى يېنىكلىتىلدى؛ پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشنىڭ باج سېلىقى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، باجنى ئازايتىپ كۆپەيتمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىندى؛ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆلچەش-سىزىش قانۇنى(تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھەسى)» ماقۇللاندى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 27-ئىيۇل گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىنى ئاچتى، يىغىندا جايلار ۋە تارماقلارنىڭ چوڭ تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەپتىش قىلىش ئەھۋالىنىڭ دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، مۇكاپاتلاش-جازالاش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى؛ قانۇن ئىدارە قىلىدىغان، بازارلاشقان ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللاش مېخانىزمى ئورنىتىلىپ، كەسىپنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى قاراتمىلىق كۈچەيتىدىغان تەدبىرلەر بېكىتىلىپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن، قىممەت بولۇش مەسىلىسى يېنىكلىتىلدى؛ پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشنىڭ باج سېلىقى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، باجنى ئازايتىپ كۆپەيتمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىندى؛ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆلچەش-سىزىش قانۇنى(تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھەسى)» ماقۇللاندى.يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: جايلار، تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش قاتارلىق ئىسلاھاتلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇقىم ئېشىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، پائال ئۈنۈمگە ئېرىشتى. لېكىن تەپتىش قىلىش جەريانىدا تەدبىر ئەمەلىيلەشمەسلىك، مەبلەغ تىنىپ قېلىش، قىسمەن تۈرلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى ئاستا بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ساقلانغانلىقى بايقالدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مۇھىم سىياسەت، تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەپ، مۇكاپاتلاش بىلەن جازالاشنى تەڭ تۇتۇپ، پائال، ياخشى ئىشلىگەنلەرنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەقدىرلەش، ئىككى يىلدىن ئارتۇق تىنىپ قالغان مەبلەغنى قانۇن بويىچە قايتۇرۇۋېلىش ۋە پائال ئىشلەپ، ئىگىلىك تىكلەيدىغان جايلارغا ئىشلىتىش، قىلىدىغاننى قىلمىغان، سۆرەلمىلىك قىلغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. تەپتىش قىلىش جەريانىدا بايقالغان مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ تۈزىتىپ، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى بېرىشتىكى «خالىماسلىق»، ھۇرۇنلۇق قىلمىشىلىرىنى قەتئىي تۈزىتىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەق يىغىشنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش، تارماقلارنىڭ مەنپەئەتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، مالىيە مەبلىغىنى بىرلەشتۈرۈپ بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئىجتىمائىي كاپىتالنى مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلىش، مۇھىم تۈر قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، سىياسەت ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر