باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاشتىكى ھەق ئېلىش ئەھۋاللىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى

يەر-زېمىن ۋە ئۆينى تىزىملاش ھەققى بىردەك ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى

2016.07.28 16:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مالىيە مىنىستىرلىقى بىلەن دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا «كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاشتىكى ھەق يىغىشقا مۇناسىۋەتلىك سىياسەت مەسىلىلىرى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاشتىكى ھەق يىغىدىغان، ھەق يىغمايدىغان ۋە ھەقنى كېمەيتىدىغان كونكرېت ئەھۋاللارنى ئايدىڭلاشتۇردى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار بەلگىلەندى: كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ئورگانلىرى بەلگىلىمە بويىچە كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ھەققى يىغقاندىن كېيىن، ئەسلىدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار يىغقان يەر-زېمىن تىزىملاش ھەققى، ئۆي تىزىملاش ھەققى، ئورمان ھوقۇقى كىنىشكىسى ئىش ھەققى ۋە كۆچمەس مۈلۈككە چېتىلىدىغان باشقا تىزىملاش، تەكشۈرۈش، كۆپەيتىش ۋە ئىسپاتلاشتىكى ھەق ئېلىش تۈرلىرىنىڭ ھەممىسى بىردەك بىكار قىلىندى.

  ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلگەن كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاشتىكى ھەق ئېلىنمايدىغان سەككىز خىل ئەھۋال تۆۋەندىكىچە:

  يېزىلاردىكى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلات ئەزالىرى ئائىلە ھۆددىگە ئېلىش ياكى باشقا شەكىللەردە ھۆددىگە ئېلىش ئارقىلىق ئېرىشكەن يېزا ئىگىلىككە ئىشلىتىلىدىغان يەرلەرنىڭ تىجارەت ھوقۇقىنى ھۆددىگە ئېلىش ئىلتىماسىنى تىزىملاتقاندا؛

  يېزىلاردىكى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلات ئەزالىرى ئائىلە ھۆددىگە ئېلىش ياكى باشقا شەكىللەردە ھۆددىگە ئېلىش ئارقىلىق ئېرىشكەن ئورمان، ياغاچلارنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى ۋە بۇلار ئىگىلىگەن يەرلەرنىڭ تىجارەت ھوقۇقىنى ھۆددىگە ئېلىش ئىلتىماسىنى تىزىملاتقاندا؛

  يېزىلاردىكى ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار ئىشلەتكەن دۆلەت ئىلكىدىكى يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىدىلىغان يەرلەردە قانۇن بويىچە تېرىقچىلىق، ئورمانچىلىق، باقمىچىلىق، بېلىقچىلىق قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللانغاندىكى يەرلەرنىڭ تىجارەت ھوقۇقىنى ھۆددە ئېلىشنى تىزىملاتقاندا ياكى دۆلەت ئىلكىدىكى يەرلەرنىڭ ئىشلىتىلىش ھوقۇقىنى تىزىملاتقاندا؛

  يېزىلاردىكى كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان يەر-زېمىن، ئۆي قاتارلىقلارنىڭ تەۋەلىك ھوقۇقىنى بېكىتىشتە ئۆزگىرىش بولۇش سەۋەبلىك ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلىشنى تىزىملاتقاندا؛

  ئۆي بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بېكەت، ماشىنا ئورنى، ئىسكىلات قاتارلىقلارنى تىزىملىتىشنى ئىلتىماس قىلغاندا، كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇقى تەۋەلىك كىنىشكىسى ياكى تىزىملاش كىنىشكىسىنى ئايرىم تارقاتمىغاندا؛

  مەمۇرىي رايونلارنى تەڭشەش سەۋەبلىك كېلىپ چىققان كۆچمەس مۈلۈك جايلاشقان كوچا، ئىشىك نومۇرى ياكى ئۆي نامىدا ئۆزگىرىش بولغانلىقتىن ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلىشنى تىزىملاتقاندا؛

  كىچىك، مىكرو كارخانىلار (يەككە تىجارەتچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملىتىشنى ئىلتىماس قىلغاندا؛

  دۆلەتنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىلىرىدە ھەق ئېلىنماسلىق بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللاردا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر