باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

دۇنيا ئاھالىسىنىڭ بوي ئېگىزلىك رەت تەرتىپى ئېلان قىلىندى

كورىيە ئاياللىرى 100 يىلدا 20 سانتىمېتىر ئېگىزلىدى

2016.07.28 16:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئېلېكتىرونلۇق ھاياتلىق» ژورنىلى ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، گوللاندىيەلىك ئەرلەرنىڭ ئوتتۇرىچە بوي ئېگىزلىكى 183 سانتىمېتىر، لاتۋىيە ئاياللىرىنىڭ ئوتتۇرىچە بوي ئېگىزلىكى 170 سانتىمېتىر بولۇپ، ھەر قايسى دۆلەت ئەر-ئاياللار «بوي ئېگىزلىكى رەت-تەرتىپى»دە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان. ئەڭ كەينىدە تۇرغىنى بولسا ئوتتۇرىچە بوي ئېگىزلىكى 160 سانتىمېتىرلىق شەرقىي تېمور ئەرلىرى ۋە ئوتتۇرىچە بوي ئېگىزلىكى 150 سانتىمېتىرلىق گۋاتېمالا ئاياللىرى بولغان.

  ئەنگلىيە ئېمپىرىيە سانائەت پەنلىرى ئىنىستىتۇتى باشلامچىلىق قىلغان بۇ تەتقىقاتتا 1914-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە دۇنيادىكى 180دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايوندىكى قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە بوي ئېگىزلىكىنىڭ ئۆزگىرىشى ئىز قوغلاپ تەتقىق قىلىنغان. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە يەنە شەرقىي ئاسىيا رايونىدىكى كىشىلەر بوي ئېگىزلىكىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى بولغانلىقى كۆرسىتىلگەن. جۇڭگو، كورېيە ۋە ياپونىيە نوپۇسىنىڭ ئوتتۇرىچە بوي ئېگىزلىكى بىر ئەسىر بۇرۇنقىدىن خېلىلا ئۆسكەن، كورېيە ئاياللىرىنىڭ ئوتتۇرىچە بوي ئېگىزلىكى ھەتتا تەخمىنەن 20 سانتىمېتىر ئاشقان.

  بۇ تەتقىقاتقا رىياسەتچىلىك قىلغان ئالىم مەجىد يىزادنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە گېننىڭ بوي ئېگىزلىكىگە مەلۇم تەسىرى بار بولسىمۇ، بىراق ئوزۇقلۇق ۋە مۇھىت قاتارلىقلار ھالقىلىق ئامىل ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر