خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 27-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇڭگو شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ساياھەت تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گۈلى ئابىلىم رۇسىيە فېدېراتسىيەسى تاتارىستان جۇمھۇرىيىتى ساياھەت كومىتېتى ۋەكىلى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى ھەم 8 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدىن رۇسىيەنىڭ قازان شەھىرىگە بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئايروپىلان ھۆددە ئېلىش لىنىيەسى ئېچىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى .
ئىگىلىنىشىچە، بۇ، ئىككى تەرەپ ساياھەت تارماقلىرىنىڭ بۇ يىل 5 ـ ئايدىكى سۆھبەت يىغىنى روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ كونكرېت تەدبىرى ئىكەن. بۇ يىل 5-ئاينىڭ 29-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى بىلەن تاتارىستان جۇمھۇرىيىتى ساياھەت كومىتېتى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ساياھەت ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش دەسلەپكى قەدەمكى ھەمكارلىق مۇددىئانامىسى ھاسىل قىلدى. سۆھبەت يىغىنىدىن كېيىن، ئىككى ئاي ۋاقىت ئىچىدە، ئۈرۈمچىدىن قازانغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ساياھەت ئايروپىلانى ئاللىقاچان «يەرگە قوندى».
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى