باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە كەسپىي يىغىنى ۋە تەنتەربىيە مەخسۇس تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىلدى

2016.07.28 16:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى) ئاپتونوم رايونلوق تەنتەربىيە كەسپىي يىغىنى ۋە تەنتەربىيە مەخسۇس تەربىيەلەش كۇرسى 26 - ئىيۇلدىن 28 - ئىيۇلغىچە ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. كۇرسقا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تەنتەربىيە ئىدارىلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئوللىرىدىن 200گە يېقىن كىشى قاتناشتى.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونۇم رايونىمىز يېقىندا، «تەنتەربىيە كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تەنتەربىيە ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلغان بولۇپ، «پىكىر»دە 2025-يىلىغا بارغاندا، ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى كىشى بېشى ئوتتۇرىچە تەنتەربىيە مەيدانى كۆلىمىنى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە كۆلىمىدىن ئاشۇرۇش تەرەققىيات نىشانى بېكىتىلگەن. «پىكىر» دە يەنە 2025-يىلىغا بارغاندا، شىنجاڭدا تەنتەربىيەنى ئاساس قىلغان ئاپتونۇم رايون دەرىجىلىك سانائەت رايونىنى بەشتىن ئاشۇرۇپ، دائىم چېنىقىدىغانلارنى ئاپتونۇم رايونىمىز ئومۇمىي نوپوسىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىدىن ئاشۇرۇش؛ ھەر بىر كىشىگە توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە تەنتەربىيە مەيدانىنى ئىككى كىۋادرات مېتىرغا يەتكۈزۈپ، مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە كۆلىمىدىن ئاشۇرۇش؛ تەنتەربىيە كەسپى قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئاپتونۇم رايونىمىز ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇش؛ شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشى تەنتەربىيە ئىستىمالى ۋە تەنتەربىيە كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىمۇ كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇش ئوتتۇرغا قويۇلغان.

  بۇنىڭدىن كېيىن، ئاپتونۇم رايونىمىز تەنتەربىيە مۇسابىقىسى ۋە ماھارەت كۆرسىتىش بازىرىنى نۇقتىلىق ئېچىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، خاسلىققا ئىگە ئاممىۋى تەنتەربىيە ماركىسىنى بەرپا قىلىدىكەن. قار- مۇز تەنھەرىكىتى قاتارلىق مۇھىم تۈرلەرنى راۋاجلاندۇرۇپ، تەنتەربىيەنى ئىقتىسادنى يۈكسەلدۈرۈشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى قىلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر