باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئالتاي ئايرودۇرۇمىنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن باشلىنىدۇ

2016.07.29 16:39         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 27-ئىيۇل ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، ئالتاي ئايرودۇرۇمىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى نۆۋەتتە تەستىقتىن ئۆتكەن بولۇپ، دەسلەپكى لايىھە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ تۈزۈشىگە تاپشۇرۇلغان، شۇنداقلا دۆلەت تەرەققىيات بانكىسىنىڭ 70 مىليون يۈەنلىك مەخسۇس تۈر قۇرۇلۇش فوندى ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن. ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن خېرىدار چاقىرىش ۋە خېرىدار بولۇش، سۇ، توك، يولنى راۋانلاشتۇرۇپ، مەيدان تۈزلەش قاتارلىق خىزمەتلەر تاماملىنىپ، قۇرۇلۇش باشلىنىدىكەن.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالتاي ۋىلايىتى ئاۋىياتسىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ساياھەت بايلىقى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئالتاي رايونىنىڭ ئاۋىياتسىيە كەسىپ سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر