باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۆت جۇڭگولۇق ساياھەتچى ئامېرىكىدا قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلدى

2016.07.29 15:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:شۇ جاينىڭ ۋاقتى 27-ئىيۇل جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، تۆت جۇڭگولۇق ساياھەتچى ئولتۇرغان بىر بولكىۋاي ئاپتوبۇس 24-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن ئارىزونا ئىشتاتىدا قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچىراپ، ئاپتوبۇستىكى تۆت جۇڭگولۇق ساياھەتچىنىڭ ھەممىسى قازا قىلدى.

  ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ لوس ئانجىلىستا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسىنىڭ كونسۇللارنى قوغداشمەركىزىنىڭ خىزمەتچىلىرى شۇ جايدىكى ساقچىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ۋەقەدە قازا قىلغان تۆت جۇڭگولۇق ساياھەتچىنىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىن كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلىغاندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ باش كونسۇلخانىسى شۇئان قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئامېرىكىغا بېرىپ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ياردەم قىلماقچى بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر