باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋاڭ يى ئامېرىكا، ياپونىيە، ئاۋسترالىيەنىڭ نەنخەي دېڭىزىغا چېتىشلىق باياناتىغا رەددىيە بېرىپ: سىلەر تىنچلىقنى قوغدىغۇچىلارمۇ ياكى ۋەزىيەتنى قالايمىقانلاشتۇرغۇچىلارمۇ؟ دېدى

2016.07.29 14:54         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى 26 – ئىيۇل لائوسنىڭ ۋىنتيىئەندا ئۆتكۈزۈلگەن 6 – نۆۋەتلىك شەرقىي ئاسىيا دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا ئامېرىكا، ياپونىيە، ئاۋسترالىيەنىڭ 25 – ئىيۇل كەچتە نەنخەي دېڭىزى ۋەزىيىتىگە چېتىشلىق ئۈچ تەرەپ باياناتى ئېلان قىلغانلىقىغا قارىتا رەددىيە بەردى.

  ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: تۈنۈگۈنكى جۇڭگوشەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى (1+10) يىغىنى ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق كەيپىياتى ئىچىدە ئۆتكۈزۈلدى، يىغىندىن كېيىن 11 دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ‹‹نەنخەي دېڭىزىدىكى ھەر قايسى تەرەپنىڭ ھەرىكەت خىتابنامىسى›› (DOC)نى ئومۇميۈزلۈك، ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىرلەشمە باياناتىنى ئېلان قىلدى. DOC جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى بىردەك ماقۇللىغان، رىئايە قىلىدىغان رايون قائىدىسى. ھەر قايسى تەرەپ بايانات ئارقىلىق، بىۋاسىتە ئالاقىدار تەرەپ سۈپىتىدە كونكرېت تالاش – تارتىشنى توغرا ھەل قىلىش يولىغا قايتىشقا ۋەدە بېرىپ، دۇنياغا جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ نەنخەي دېڭىزىنىڭ مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغدايدىغانلىق توغرىسىدىكى ئۇچۇرىنى تارقاتتى. ئەپسۇسلىنارلىقى، تۈنۈگۈن كەچتە ئامېرىكا، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە باشقا بىر بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا نەنخەي دېڭىزى مەسىلىسىنى داۋاملىق تىلغا ئېلىپ، رايون جىددىيلىكى توغرىسىدا جار سالدى، ئەمەلىيەتتە تىغ ئۇچىنى جۇڭگوغا قاراتتى. جۇڭگو تەرەپ بۇ باياناتنىڭ يامان تەسىر پەيدا قىلغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، جەزمەن تېگىشلىك ئىنكاس قايتۇرۇشنى توغرا تاپتى.

  ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: تۈنۈگۈندىن ھازىرغىچە، بىز كۆرگەن ئەھۋال مۇنداق: مەزكۇر رايوندىكى دۆلەتلەر ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كۈچەيتىشكە بەل باغلاپ، نەنخەي دېڭىزى ۋەزىيىتىنىڭ پەسىيىشىنى ئۈمىد قىلدى، ئۈچ تەرەپ باياناتى داۋاملىق قۇتراتقۇلۇق قىلدى؛ مەزكۇر رايوندىكى دۆلەتلەر كېسىم دىلوسى مەسىلىسىدە ھېچقانداق تەرەپكە يان بېسىشنى خالىمىدى، ئۇنى جۇڭگو بىلەن فىلىپپىننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلە دەپ قارىدى، ئۈچ تەرەپ باياناتىدا تالاش – تارتىشقا تولغان ئاتالمىش كېسىم قانۇنىي چەكلەش كۈچىگە ئىگە، دېگەن قاراشتا چىڭ تۇردى؛ 70تىن كۆپرەك دۆلەت جۇڭگونىڭ توغرا مەيدانىنى ئوخشاش بولمىغان شەكىلدە چۈشەندى ۋە قوللىدى، بۇ ئۈچ تەرەپ باياناتىدا جۇڭگو يەنىلا يوشۇرۇنچە ئەيىبلەندى. بۇ باياناتنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئورۇنسىز بىر ئىش بولدى. بۇ بايانات مەزكۇر رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ نەنخەي دېڭىزىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش تىرىشچانلىقىغا ماس كەلمىدى، مەزكۇر رايوندىكى خەلقنىڭ نەنخەي دېڭىزى ۋەزىيىتىنىڭ پەسىيىشىنى ئۈمىد قىلىش ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلاشمىدى، رايون سىرتىدىكى دۆلەتلەر ئىجابىي رول ئويناشتەك تەلەپكە ئۇيغۇن كەلمىدى.

  ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: ئەگەر سىلەر ئۈچ تەرەپ نەنخەي دېڭىزىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشنى ئۈمىد قىلساڭلار، ئۇنداقتا جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ DOCنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى قوللاپ، ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ بىۋاسىتە سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق تالاش – تارتىشنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەرسەڭلار بولاتتى. ھازىر، سىلەرنىڭ تىنچلىقنى قوغدىغۇچى ياكى ۋەزىيەتنى قالايمىقانلاشتۇرغۇچى ئىكەنلىكىڭلارنى سىنايدىغان پەيت كەلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر