باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جاڭ چۈنشيەن جۇڭگو «جۇڭچې» پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى شى گوخۇا ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى

جۇڭگو «جۇڭچې» پاي چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى

2016.07.29 14:53         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 28 - ئىيۇل چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە جۇڭگو «جۇڭچې» پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى شى گوخۇا ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  جۇڭگو «جۇڭچې» پاي چەكلىك شىركىتى جۇڭگو «بېيچې» پاي چەكلىك شىركىتى بىلەن جۇڭگو «نەنچې» پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ بارلىق كەسىپ ۋە مال - مۈلكىگە ۋارىسلىق قىلغان، دۇنيادىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، تۈرى ئەڭ تولۇق، تېخنىكىسى ئىلغار بولغان رېلىسلىق قاتناش جابدۇقلىرى بىلەن تەمىنلەيدىغان شىركەت. جۇڭگو «جۇڭچې» پاي چەكلىك شىركىتى 27 - ئىيۇل ئۈرۈمچى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئەسلىدىكى جۇڭگو «نەنچې» پاي چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى بىلەن ھەمكارلىشىپ، رېلىسلىق قاتناش، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل قاتارلىق تۈرلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىدا، رېلىسلىق قاتناش، شەھەر ئۇل ئەسلىھەسى، يېڭى كەسىپ، مۇلازىمەتتىن ئىبارەت تۆت چوڭ بۆلەك كەسىپى ۋە PPP تۈر ھەمكارلىقىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇردى، ئۈرۈمچىدە ئاپتوموبىل جابدۇقلىرى بازىسى قۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، كېلەر يىلى تۇنجى پويىزنىڭ قاتنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، قۇرۇلۇش ئومۇمىي ھۆددىگەرلىكى ۋەكىللىكىدىكى شەھەر ئۇل ئەسلىھە كەسپى ۋە يېڭى ئېنېرگىيە، پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش، شامال ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، مودېللاشتۇرۇلغان ئىمارەت ۋەكىللىكىدىكى يېڭى كەسىپلەرنىڭ شىنجاڭدا ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

   جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: جۇڭگو «جۇڭچې» پاي چەكلىك شىركىتى يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، قاتتىق جەڭ قىلىشقا ماھىر ئىختىساسلىقلار قوشۇنىغا ئىگە، ئىشلەپچىقارغان پاراۋۇز، ۋاگونلار ئېلىمىزنىڭ جابدۇقچىلىقىنى سىرتقا يۈزلەندۈرۈشتە ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە. شىنجاڭ يېڭىلىق يارىتىشقا موھتاج، جابدۇقچىلىقتا يېڭىلىق يارىتىشنى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىش كېرەك. جۇڭگو «جۇڭچې» پاي چەكلىك شىركىتى بىلەن ئۈرۈمچىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو «جۇڭچې» پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ تۆت چوڭ بۆلەك كەسپىنىڭ شىنجاڭدا ئومۇميۈزلۈك ماكانلىشىشىغا پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تۈرتكە بولۇپ، PPP ئەندىزىسىنىڭ تەرەققىياتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. جۇڭگو «جۇڭچې» پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مەۋقەنى ئۈرۈمچىگە قويۇپ، شىنجاڭغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلىنىپ، شىنجاڭدىكى جابدۇقچىلىق بازىسىنى ياخشى قۇرۇپ، ئۈرۈمچىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ شىنجاڭ بىلەن قوشنا دۆلەتلەر بىلەن رېلىسلىق قاتناش جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى گوخۇا جۇڭگو «جۇڭچې» پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت، شىنجاڭ بىلەن بولغان ھەمكارلىق قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللارنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو «جۇڭچې» پاي چەكلىك شىركىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنىڭ تۈرلۈك مەزمۇنلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۆت چوڭ بۆلەك كەسپى ۋە PPP تۈر ھەمكارلىقىنى شىنجاڭدا ئومۇميۈزلۈك ماكانلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، جۇڭگو «جۇڭچې» پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ شىنجاڭدىكى جابدۇقچىلىق بازىسىنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، شىنجاڭنىڭ كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ.

  شۆھرەت زاكىر، خۇاڭ ۋېي، لى شۆجۈن، پېڭ جيارۇي، ليۇ جيەنشىن قاتارلىقلار كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر