باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىك مۇتەخەسسىسلەر ئۆمىكى شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى

جاڭ چۈنشيەن ئاكادېمىك مۇتەخەسسىسلەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى

2016.07.29 14:52         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسى ئاكادېمىكلىرىنىڭ «بايلىق ئېچىشنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقى» تېمىسىدىكى شىنجاڭ سەپىرى سۆھبەت يىغىنى 28 - ئىيۇل چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندىن كېيىن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن شىنجاڭغا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا كەلگەن جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاكادېمىك ليۇ شۈ باشچىلىقىدىكى ئاكادېمىك مۇتەخەسسىسلەر بىلەن كۆرۈشتى.

  ئاكادېمىك مۇتەخەسسىسلەر ئۆمىكى بۇ قېتىمقى سەپىرىدە 24 - ئىيۇلدىن باشلاپ، «ئىككى ئىمكانىيەتلىك سىجىللىق»نى چۆرىدەپ، شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىدۇ، بۇنىڭدا ئاساسلىقى «تارىم ئويمانلىقىدىكى قۇم - توزانلىق ھاۋارايىنىڭ ھاۋا سۈپىتىگە بولغان تەسىرى»، «شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك سانائىتىنىڭ يېشىل تەرەققىياتى»، «شەرقىي جۇڭغار ئويمانلىقى تەرەققىيات رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش»تىن ئىبارەت ئۈچ ئاساسىي تېما مەركەز قىلىنىدۇ. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئالاھىدە رايون ھاۋا سۈپىتىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش تور قۇرۇلۇشى، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك سانائىتىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى، شەرقىي جۇڭغار ئويمانلىقى رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك قۇرۇلۇشى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارغا ئىلمىي تەكلىپ - پىكىر بېرىدۇ.

   كۆرۈشۈشتە، جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ زېمىنى كەڭ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئاجىز. مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان بىز مۇھىت ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئېكولوگىيەلىك رايون قۇرۇش تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تۈرلۈك ئىشلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا «بايلىق ئېچىشنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقى» يولىدا ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ، ئىلى دەرياسى ۋادىسىدا 1 مىليون مو ئورمان بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدۇق، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى بۇزۇش ئېھتىمالى بولغان بىر تۈركۈم بايلىق ئېچىش تۈرلىرىنى توختاتتۇق، بۇلغىما پەيدا قىلىدىغان نەچچە يۈز كارخانىنى تاقىۋەتتۇق، يەر ئاستى سۈيىنى ئېچىشنى قاتتىق كونترول قىلدۇق. بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، پاكىز شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشتۇق. ئاكادېمىك مۇتەخەسسىسلەر ئۆمىكىنىڭ «يۈكسەك ئەقلىي كۈچ» بولۇشتەك ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، «ئىككى ئىمكانىيەتلىك سىجىللىق»تىن ئىبارەت تەرەققىيات نۇقتىسىنى چىقىش قىلىپ، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، ئالاھىدە تەبىئىي مۇھىت خاسلىقىغا ئاساسەن، ئىلمىي ئاساستا تولۇق يەكۈن چىقىرىپ، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئىلمىي، كەسىپچانلىققا ئىگە تەكلىپ - پىكىر بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ليۇ شۈ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا زور ئىلگىرىلەش بولدى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. ئاكادېمىك مۇتەخەسسىسلەر ئۆمىكى سۇ بايلىقى كەمچىل بولۇش، ئېكولوگىيە فۇنكسىيەلىك رايونىنى قوغداش، قۇم - توزانلىق ھاۋارايى، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىدە پاسكىنا سۇنى چىقىرىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، پەيدا بولۇش مەنبەسىنى تەكشۈرۈپ، ئاساسىي خىزمەتنى ئىشلەپ، سەۋەبىنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، كېسەلگە قاراپ دورا بېرىدۇ ھەم ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، تەكلىپ بېرىپ، پاكىز شىنجاڭ قۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ.

  سۆھبەت يىغىنىدا چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى خاۋ جىمىڭ، جۇڭگو مۇھىت ئىلمى تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مۇھىت بايلىقى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى مېڭ ۋېي، دۇڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى يۈ جيەنيۇڭ قاتارلىق توققۇز ئاكادېمىك ئايرىم - ئايرىم سۆز قىلدى. جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا قۇم - توزاننى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش، ئالدىن سىگنال بېرىش، تەھلىل قىلىش سىستېمىسى قۇرۇش، قۇم - توزانلىق ھاۋا كىلىماتىنىڭ شەكىللىنىش مېخانىزمى ۋە تەسىر ئامىلىنى ئومۇميۈزلۈك تەتقىق قىلىش؛ ئۈستۈنلۈكنى جارى قىلدۇرۇپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش، گۈللەنمە بازارنى ئېچىشقا ئەھمىيەت بېرىش؛ نېفىت - تەبىئىي گاز تەكشۈرۈش، ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇلۇشىدا يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش، «ئىككى ئىمكانىيەتلىك سىجىللىق»قا ئەھمىيەت بېرىش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىلدى. يىغىندىن كېيىن، بۇ تەكلىپ - پىكىرلەر جەملىنىپ ھەم تەدبىر بەلگىلەش مەسلىھەتىگە دائىر دوكلات شەكىللەندۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە سۇنۇلىدۇ.

  بۇ پائالىيەتكە شۆھرەت زاكىر، خۇاڭ ۋېي، غانىبات سابۇكەي، ئەركىن تۇنىياز، پېڭ جيارۇي، ماغاۋ سېيىتقامزا قاتارلىقلار قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر