باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

4 - ئاۋغۇستتىن باشلاپ رۇسىيەنىڭ قازان شەھىرىگە بىۋاسىتە ئۇچۇپ ساياھەت قىلالايسىز

2016.07.29 14:51         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە فېدېراتسىيەسى تاتارىستان جۇمھۇرىيىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ساياھەت تونۇشتۇرۇش يىغىنى 27 - ئىيۇل ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا شىنجاڭ جۇڭگو خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى بىلەن تيەنجىن ئاۋىياتسىيە شىركىتى ھەمكارلىشىپ، ئۈرۈمچىدىن بىۋاسىتە رۇسىيەنىڭ قازان شەھىرىگە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچقانلىقى، 4 - ئاۋغۇستتىن باشلاپ ھەر ھەپتىنىڭ دۈشەنبە، پەيشەنبە كۈنلىرى ئىككى قېتىم بۇ لىنىيەدە كۆتۈرە ئايروپىلان قاتنايدىغانلىقى ئېلان قىلىندى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ كۆتۈرە ئايروپىلان 4 - ئاۋغۇستتىن 6 - ئۆكتەبىرگىچە قاتنايدىغان بولۇپ، بېيجىڭ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 9 دا ئۈرۈمچىدىن ئۇچۇپ، تۆت سائەت ئەتراپىدا ئاخىرقى نۇقتا بولغان قازان شەھىرىگە يېتىپ بارىدىكەن.

  ئۇقۇشىمچە، يېقىندىن بېرى رۇسىيەنىڭ تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىگە بارىدىغان چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر يىلىغا %12 لىك سۈرئەت بىلەن ئېشىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %30 كە يېتىدىكەن. رۇسىيەنىڭ قازان شەھىرى چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر ئەڭ ياقتۇرۇپ ساياھەت قىلىدىغان شەھەرلەرنىڭ بىرى ئىكەن. بۇ شەھەرنىڭ مەدەنىيەت تارىخى، تەبىئەت مەنزىرىسى قاتارلىقلار جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر، بولۇپمۇ شىنجاڭلىق ساياھەتچىلەرنى ناھايىتى قىزىقتۇرىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گۈلى ئابلىم مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى - قازان ساياھەت لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشى شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ساياھەت جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر