- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئالىموف جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى
2016.05.26 13:05 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنستىرلىرى يىغىنى تۈنۈگۈن ئاياقلاشقاندىن كېيىن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئالىموف جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ ئىككى تەرەپلىك كېلىشىم ۋە "جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ھەرىكەت خىتابنامىسى"دىكى بەلگىلىمە بويىچە، دۇستانە كېڭىشىش ۋە سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق، زېمىن ۋە دېڭىز ئوكيان تالاش-تارتىشى مەسىلىسىنى تىنچ ھەل قىلىشنى قوللايدۇ، ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا تاللىغان تالاش-تارتىشلارنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى تولۇق ھۆرمەتلىنىشى كېرەك، دەپ قارايدۇ. مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە، بىز رايون سىرتىدىكى دۆلەتلەرنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە ئارلىشىشغا، جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىنى خەلقئارالاشتۇرىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر