باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بېيجىڭ - قومۇل - تۇرپان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ئۇچۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى

2016.05.26 12:48         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بېيجىڭدىن ئۇچقان دۆلەت ئاۋىياتسىيەسى CA1229 نۆۋەتچى ئايروپىلانى 23 - ماي سائەت 13تىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە، تۇرپان يارغول ئايرودۇرۇمىغا قوندى، بۇ، بۇ ئايرودۇرۇمنىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى تۇنجى قەرەللىك ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تۇرپان - قومۇل - بېيجىڭ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  «بۇ مېنىڭ شىنجاڭغا تۈنجى قېتىم كېلىشىم، تۈنجى نۆۋەتلىك ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ كەلگەنلىكىمىدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم»، دېدى بېيجىڭلىق ساياھەتچى گېڭ فېڭيىڭ، ئۇ ئايروپىلاندىن چۈشۈپلا «ئاتەش شەھەر»نىڭ قىزغىنلىقىنى ھېس قىلدى، ئايروپىلاننىڭ يان پەلەمپىيىدىن چۈشۈپ بولماي تۇرۇپلا، يانفونىنى چىقىرىپ تۈنجى نۆۋەتلىك ئۇچۇش مۇراسىمىدا تەنتەنە قىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرىنى سۈرەتكە تارتىشقا باشلىدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ، CA1229/CA1230 نومۇرلۇق نۆۋەتچى ئايروپىلان ھەپتىدە تۆت قېتىم قاتنايدىكەن، نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش ۋاقتى دۈشەنبە، چارشەنبە، جۈمە، شەنبە بولۇپ، بوئېئېڭ 737 بەلگىلىك ئايروپىلان ئۇچۇشنى ئىجرا قىلىدىكەن. نۆۋەتچى ئايروپىلان ۋاقتى: بېرىش مۇساپىسىنىڭ ۋاقتى سائەت 7 دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە بولۇپ، بېيجىڭدىن ئۇچۇپ، سائەت 10 دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە قومۇلغا قونىدىكەن، سائەت 11 دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە، قومۇلدىن ئۇچۇپ، سائەت 13 تىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە تۇرپانغا قونىدىكەن؛ قايتىش مۇساپىسىنىڭ ۋاقتى سائەت 14 تىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە بولۇپ، تۇرپاندىن ئۇچۇپ، سائەت 15 تىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە قومۇلغا قونىدىكەن، سائەت 16 دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە، قومۇلدىن ئۇچۇپ، سائەت 19 دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە بېيجىڭغا قونىدىكەن.

  بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشى بېيجىڭدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ تۇرپانغا كېلىشىگە قولايلىق ئېلىپلا كەلمەستىن، تۇرپان، قومۇل قاتارلىق جايلاردىكى يولۇچىلارمۇ ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىغا كېلىپ ئاندىن بېيجىڭغا ئۇچۇش ئاۋارىچىلىكىدىن قۇتۇلدى. تۇرپاندىكى يولۇچى شېن جيەنچيۇ شۇ كۈنى تۈنجى نۆۋەتلىك نۆۋەتچى ئايروپىلان بېلىتىنى زاكاز قىلىپ، بېيجىڭغا ساياھەتكە ماڭغان بولۇپ، «تۇرپاندىن يولغا چىقىپ، بەش يېرىم سائەتتىلا بېيجىڭغا بارغىلى بولىدىكەن، بەك قولايلىق بوپتۇ»، دېدى ئۇ.

  ئۈرۈمچى «شىمېي» خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ باش دىرېكتورى شاڭ خۇڭلى مۇنداق دېدى: ھازىرغىچە، بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ 5 - ۋە 6 - ئايلىق 933 كىشىلىك ساياھەت ئۆمىكىنىڭ ئايروپىلان بېلىتى زاكاز قىلىنىپ بولدى، تىجارەت ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى. ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشى ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ يەككە مەنزىلگە بېرىشتىكى قاتناش يۈكىنى يەڭگىللەتتى، چۈنكى ئىلگىرى ئۈرۈمچىدىن كىرىپ چىقاتتۇق، ھازىر تۇرپاندىن شىنجاڭغا كىرىپ چىققىلى بولىدۇ، بىز مۇشۇنىڭغا تايىنىپ تېخىمۇ كۆپ ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى يارىتالايمىز.

  تۇرپان شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تۇرپان شەھىرى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى بويىچە تەربىيەلەش ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شى شياۋخۇا مۇنداق دېدى: بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشى تۇرپاننىڭ «تاشيول، تۆمۈريول، ھاۋا يولى» بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ئىستېرېئولۇق قاتناش تىرانسپورت يېڭى ئەندىزىسىنىڭ شەكىللەنگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئۇ ئاممىغا تېخىمۇ قولايلىق يول يۈرۈش شارائىتىنى يارىتىپ بەردى، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇ شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يېڭى ئەندىزىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە تېخىمۇ تۈرتكە بولۇپ، تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا زور پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ.

  شى شياۋخۇانىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ يىل تۇرپان شەھىرى ئۈرۈمچى - تۇرپان - شاڭخەي (خۇڭچياۋ) لىنىيەسى، تۇرپان - جېڭجۇ - شاڭخەي (پۇدۇڭ)، تۇرپان - يىڭچۈەن - چاڭشا قاتارلىق بىر نەچچە ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچىدىكەن، 7 - ئايدا تۇرپان - ئۈرۈمچى - قاناس قاتارلىق پەسىللىك ساياھەت لىنىيەسى ئېچىلىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ھازىر تۇرپان ئايرودۇرۇمى كېڭەيتىپ ياسىلىپ، كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارى ئاشۇرۇلۇۋېتىپتۇ. كېڭەيتىپ ياساش قۇرۇلۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئايرودۇرۇمنىڭ دەرىجىسى4Dدىن 4Eغا ئۆستۈرۈلىدىكەن، بۇ، شۇ چاغدا ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدا ئۇچىدىغان - قونىدىغان بارلىق ئايروپىلاننىڭ تۇرپاندا قونۇش تەييارلىقىنى ھازىرلىيالايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شى شياۋخۇا: «تېخىمۇ كۆپ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن، ناچار ھاۋا كىلىماتىغا دۇچ كەلگەندە، يولۇچىلار تۇرپاندىن بىۋاسىتە مەنزىلگە ئۇچۇپ بارالايدىغان بولىدۇ»، دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر