باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئالدىنقى تۆت ئايدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سودىگەر چاقىرىپ كىرگۈزگەن مەبلىغى 74 مىليارد 798 مىليون يۈەنگە يەتتى

2016.05.26 12:47         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سودىگەر چاقىرىش تەرەققىيات ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە: ئالدىنقى تۆت ئايدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سودىگەر چاقىرىپ كىرگۈزگەن مەبلىغى 74 مىليارد 798 مىليون يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %3.41 ئېشىپ، پۈتۈن يىللىق نىشان ۋەزىپىسى (469 مىليارد 600 مىليون يۈەن)نىڭ %15.93ىنى ئورۇندىغان.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش بويىچە ئەمەلىيلەشكەن مەبلىغى ئىچىدە، سىرتقى ئۆلكىلەردىن ئەمەلىيلەشكەن مەبلەغ 61 مىليارد 400 مىليون يۈەن بولۇپ، %7.98تىن ئېشىپ، ئاپتونوم رايونىمىز سىرتىدىن ئەمەلىيلەشكەن مەبلەغنىڭ %82.09ىنى ئىگىلىگەن؛ مەركەز كارخانىلىرىدىن ئەمەلىيلەشكەن مەبلەغ 12 مىليارد 318 مىليون يۈەن بولۇپ، %17.30 ئازلاپ، ئاپتونوم رايونىمىز سىرتىدىن ئەمەلىيلەشكەن مەبلەغنىڭ %16.47ىنى ئىگىلىگەن؛ بىرىنچى پەسىلدە ئەمەلىي پايدىلانغان تاشقى مەبلەغ 165 مىليون 700 مىڭ دوللار (خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 1 مىليارد 80 مىليون يۈەن)غا يېتىپ، ئاپتونوم رايونىمىز سىرتىدىن ئەمەلىيلەشكەن مەبلەغنىڭ %1.44ىنى ئىگىلىگەن.

  سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش تۈرلىرىدىن قارىغاندا، ئالدىنقى تۆت ئايدا ئاپتونوم رايونىمىز سىرتىدىن 1672 تۈرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئىجرا قىلغان بولۇپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %4.57 ئاشقان؛ بۇنىڭ ئىچىدە يېڭىدىن ئىجرا قىلىنغان تۈر 592 گە يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.79 تۆۋەنلىدى؛ ئالدىنقى يىلى ھېساباتتىن ھېساباتقا يۆتكەلگەن تۈر 1080گە يېتىپ، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.09 ئاشتى.

  بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى تۆت ئېيىدا مەركەز نېفىت كارخانىلىرىنىڭ ئەمەلىيلەشكەن مەبلىغى 7 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يەتتى. بۇ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ئىچىدە، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قومۇل ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، تۇرپان شەھىرىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىز سىرتىدىن ئەمەلىيلەشكەن مەبلىغى ئالدىنقى ئالتە ئورۇننى ئىگىلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر