باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قىيىنچىلىقى بار 332 مىڭ 400 مېيىپ ۋە ئېغىر دەرىجىدىكى مېيىپلەر ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولدى

2016.05.26 12:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى، مالىيە نازارىتى، مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ 24 - ماي بىرلىكتە ئاچقان قىيىنچىلىقى بار مېيىپلەرگە تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىش ۋە ئېغىر دەرىجىدىكى مېيىپلەرگە كۈتۈنۈش ياردەم پۇلى تارقىتىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش سىنلىق يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، مېيىپلەرنىڭ ئالاھىدە تۇرمۇش قىيىنچىلىقى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك كۈتۈنۈش قىيىنچىلىقى قاتارلىق ئەمەلىي مەسىلىلەرنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون بەلگىلىگەن قىيىنچىلىقى بار مېيىپلەرنىڭ ھەر بىرى ھەر ئايدا 80 يۈەن تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدىكەن، ئېغىر مېيىپلەرنىڭ ھەر بىرى ئېيىغا 80 يۈەندىن كۈتۈنۈش ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدىكەن، ۋاقتى 2016 - يىلى1- ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان «قىيىنچىلىقى بار مېيىپلەرگە تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىش ۋە ئېغىر دەرىجىدىكى مېيىپلەرگە كۈتۈنۈش ياردەم پۇلى تارقىتىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش پىكرى»دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، قىيىنچىلىقى بار مېيىپلەرگە تۇرمۇش ياردەم پۇلى تارقىتىش ئوبيېكتى شەھەر - يېزا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلىلەردىكى مېيىپلەر بولۇپ، شارائىتى بار رايونلار كىرىمى تۆۋەن مېيىپلەر ۋە باشقا قىيىنچىلىقى بار مېيىپلەرگە قارىتا پەيدىنپەي كېڭەيتسە بولىدىكەن؛ ئېغىر دەرىجىدىكى مېيىپلەرگە كۈتۈنۈش ياردەم پۇلى تارقىتىش ئوبيېكتى مېيىپلىك دەرىجىسى بىرىنچى، ئىككىنچى دەرىجىدىكى مېيىپ دەپ بېكىتىلگەنلەر بولۇپ، شارائىتى بار رايونلار غەيرىي ئېغىر دەرىجىدىكى ئەقلىي، روھىي جەھەتتىكى مېيىپلەر ۋە باشقا مېيىپلەرگە قارىتا پەيدىنپەي كېڭەيتسە بولىدىكەن.

  يىغىندا، ھەر قايسى جايلار ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، 6 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئىككى تۈردە ياردەم بېرىشنىڭ تۇنجى قېتىم تارقىتىش ۋە تولۇقلاپ بېرىش خىزمىتىنى تاماملىشى تەلەپ قىلىندى. قىيىنچىلىقى بار، ھەرىكىتى قۇلايسىز مېيىپلەر ۋە تاغلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ئولتۇراقلاشقان مېيىپلەرگە قارىتا، ئالاقىدار تارماقلار ئالاھىدە تارقىتىش تەدبىرى قوللىنىپ، ياردەم پۇلىنىڭ تارقىتىلىشىغا كاپالەت قىلىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزدا قىيىنچىلىقى بار مېيىپلەر ۋە ئېغىر دەرىجىدىكى مېيىپلەردىن 332 مىڭ 400 ى بار ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر