باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

2015.12.28 16:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  27- دېكابىر ،12 -نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18 -سانلىق يىغىنى بېيجىڭدا يېپىلدى. يىغىندىن كېيىن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، يېڭىدىن ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللانغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى، ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى، دۆلەت مېدالى ۋە دۆلەتلىك شەرەپلىك نام قانۇنى، نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتى، دۆلەتلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشخانىسى ۋە دۆلەتلىك پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرىنى تەكلىپ قىلىپ مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

  يىغىندا، دۆلەتلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەن ۋېيشىڭ مۇنداق دېدى، مەخسۇس تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى تۈزۈش، ھەم نۆۋەتتىكى تېررورلۇققا زەربە بېرىشنىڭ رېئال ئېھتىياجى، ھەم ئېلىمىزنىڭ خەلقئارادىكى مەسئۇلىيىتى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتى جەمئىيەت قانۇنلىرى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى گو لىنماۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى، ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى ئاساسلىقى ئائىلە زوراۋانلىقىدىكى مەسىلىلەرنى ئالدىنى ئېلىش ۋە توسۇشتىن ئىبارەت ئىككى تەرەپتىن ھەل قىلىدۇ. ئالدىنى ئېلىش جەھەتتىكى مەزمۇنلار ئاساسلىقى، ھۆكۈمەت، ئالاقىدار تەشكىلات، تاراتقۇ ۋە مائارىپ ئورگانلىرىنىڭ ئائىلە گۈزەل ئەخلاقىنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇشتا مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى تەكىتلەش؛ ھۆكۈمەت ۋە ئالاقىدار تەشكىلاتلارنىڭ ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش ۋە ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇش مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيى بارلىقىنى تەكىتلەش؛ خەلق مۇرەسسە تەشكىلاتلىرى ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئائىلە تالاش تارتىشى، ئائىلە زىددىيىتىنى مۇرەسسە قىلىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى تەكىتلەش؛ ھامىيلىق قىلغۇچىلارنىڭ قورامىغا يەتمىگەنلەرگە ھامىيلىق قىلىپ تەربىيەلەشتە مەدەنىي شەكىلنى قوللىنىشى، ئائىلە زوراۋانلىقى قىلماسلىقىنى تەكىتلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر