باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كۆچمەس مۈلۈكنى بىر تۇتاش تىزىملاشنىڭ تەسىرى قانچلىك بولىدۇ

مۇخبىرىمىز گاڭ يۈنسەي

2015.02.27 16:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن ئېلان قىلغان «كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ۋاقىتلىق نىزامى» 3- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى 2- ئاينىڭ 26- كۈنى دۆلىتىمىزنىڭ كۆچمەس مۈلۈكنى بىر تۇتاش تىزىملاش دەپتىرى ئۈلگىسى(ۋاقتىلىق يولغا قويۇلىدۇ) نى ئېلان قىلدى. شۇ كۈنى دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ گۇاڭخۇا، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى لىڭ خۇڭجى جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەر ۋە ئىشلار توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بەردى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بىر تۇتاش تىزىملاش دەپتىرى كۆچمەس مۈلۈكنىڭ نەرسە ھوقۇقىنى ئۈنۈملۈك قوغداشنىڭ زۆرۈر تەلىپى. مۇقىم مۈلۈكنى تىزىملاش نەرسە ھوقۇقىنى ئېلان قىلىشتىكى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاستە، مۇقىم مۈلۈك نەرسە ھوقۇقىنىڭ سوبيېكتى، ئوبيېكتى ۋە مەزمۇنى قاتارلىقلار، گۇۋاھنامىدە ئىپادىلىنىدۇ، دەپتەرنىڭ مەزمۇنى بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، نەرسە ھوقۇقىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالى بىردەك قېلىپلاشتۇرۇلۇشتا ئەكس ئەتتۈرۈلسىلا، نەرسە ھوقۇقى بىر تۇتاش چىڭ قۇغدىلىدۇ.

  دەپتەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كۆچمەس مۈلۈك سودىسىنى ئۈنۈملۈك قوغداشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. كونكىرت كۆچمەس مۈلۈك ئەمەلىي سودىسىدا، سودىلىشىۋاتقان ئىككى تەرەپ ھوقۇقدار كىشىنىڭ ئىلكىدىكى گۇۋاھنامە ۋە تىزىملاش ئورگىنى باشقۇرىدىغان دەپتەرگە ئىشىنىدۇ. دەپتەر بىرلىككە كەلمىگەن ، بولۇپمۇ گۇۋاھنامە بىرلىككە كەلمىگەن بولسا، ئوخشىمىغان جايدا ئوخشىمىغان تىزىملاش دەپتىرى ۋە بىر نەچچە گۇۋاھنامە بولسا، سودىلىشىۋاتقان كىشى ھوقۇقنىڭ ھەقىقىي تەۋەلىكىگە ئۈنۈملۈك ھۆكۈم قىلالمايدۇ، شۇنىڭ بىر ئۆينى بىر جايدا نەچچە قېتىم سېتىشتەك خەتەرلىك ئەھۋال كۆرۈلىدۇ.

  دەپتەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈش خەلققە قولايلىق ۋە پايدىلىق ئىش. تىزىملاش دەپتىرى نەرسە ھوقۇقىنىڭ تەۋەلىك ئاساسىي، شۇنداقلا كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ئۇچۇرىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. دەپتەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئارقىلىق تارقاق تىزىملاش ئەندىزىسىدىكى دەپتەر بىرلىككە كەلمەسلىك، ئوخشىمىغان نەرسە ھوقۇقىغا ئوخشىمىغان گۇۋاھنامە تارقىتىشتەك نۇقساننى تۈگىتىپ، خەلققە قولايلىق ۋە مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، مەمۇرىي تەننەرقنى ئازايتقىلى بولىدۇ. گۇۋاھنامە بىرلىككە كەلسە، پۇقرالارنىڭ گۇۋاھنامىنى قولغا ئېلىش تەننەرقىمۇ ئازىيىدۇ. ۋا ڭۇاڭخۇا: كۆچمەس مۈلۈنى بىر تۇتاش تىزىملاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشتا، تىزىملاش ئورگىنى، تىزىملاش دەپتىرى، تىزىملاش ئاساسىي ۋە ئۇچۇر سۇپىسىدىن ئىبارەت «تۆتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش» كېرەك. دەپتەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈش خەلق قولايلىق ۋە پايدىلىق.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر