باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى قاتناش ساقچىلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتارلىق تارماقلارھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ سەپىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى

2015.02.28 13:27         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چاغانلىق دەم ئېلىشنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن، شىنجاڭغا كېلىپ ئىشلەيدىغان زور تۈركۈم ئىشلەمچىلەر ۋە مەكتەپكە قايتىپ ماڭغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى قاتناش ساقچىلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتارلىق تارماقلار بىرلىكتە ھەرىكەتكە كېلىپ، ۋوگزال، يولۇچىلار بېكەتلىرى قاتارلىق ئادەم كۆپ توپلىشىدىغان مەيدان، سورۇنلارنى چارلاش- تېزگىنلەش سالمىقىنى زورايتىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ سەپىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  ئۈرۈمچى خۇمدانلىق يولۇچىلار بېكىتىدە، ئىلگىرىكى كىنىشكىسىز ئاپتوموبىللارنى خالىغانچە يول بويىدا توختىتىش، خېرىدار تالىشىش، يولۇچىلارنى ئالداش قاتارلىق قىلمىشلار پۈتۈنلەي تۈگىتىلگەن بولۇپ، قاتتىق بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش تەدبىرى بىكارچى كىشىلەرنىڭ يولۇچىلار بېكىتىگە كىرىشىنى توسۇپ قالدى. كورلا شەھىرىدە مەكتەپتە ئوقۇماقچى بولغان چى شىنيۈ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ بېكەتتە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش تەدبىرلىرى ۋە مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرى مۇكەممەل ۋە چىڭ ئىكەن. ئىلگىرى باشقا يولۇچىلار بېكەتلىرىدە بېلەت ھايانكەشلىرىنىڭ قانۇنسىز بېلەت سېتىۋاتقانلىقىنى ئۇچراتقانىدىم. خۇمدانلىق يولۇچىلار بېكىتىدە بۇ خىل ئەھۋالنى ئۇچرىتىپ باقمىدىم. بېلەت سېتىش كۆزنىكىنىڭ ئۈستىدە چوڭ ئېكران بولۇپ، ئۆچرەتتە تۇرغاچ، مەنزىلگە بارىدىغان ئاپتوبۇسنىڭ يولغا چىقىش ۋاقتى، نومۇرى، بېلەت باھاسىنى بىلەلەيدىكەنمىز.

  سىچۈەنلىك يولۇچى چېن خەيتاۋ مۇنداق دېدى: ھازىر قولايلىشىپ كەتتى، ئالايلۇق: مەن ھازىر بۇ بېكەتكە كېلىپ، قەيەردە بېلەت ئېلىشنى بىلەلمەي تۇرسام، بىر خىزمەتچى ماڭا قەيەردە بېلەت ئېلىشنى چۈشەندۈرۈپ قويدى، كۆرسەتمە تاختىسىدىمۇ ئېنىق يېزىلغان بولۇپ، بىر قاراپلا بېلەت ئېلىش تەرتىپىنى بىلىۋالغىلى بولىدىكەن.

  بۇ يىلقى چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى، قاتناش ساقچى، مەھەللە قاتارلىق كۆپلىگەن تارماقلار بىرلىكتە جەنۇبىي ۋوگزال رايونىدىكى ھەقسىز يولۇچىلارنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىللار ۋە كىنىشكىسىز يول يۈرۈۋاتقان ئاپتوموبىللىرىنىڭ خېرىدار تالىشىش، يولۇچىلارنى ئالداش قاتارلىق قانۇنسىز قىلمىشلىرىنى تەرتىپكە سالدى. ئاپتوموبىللارنى قالايمىقان توختىتىش قىلمىشىنى جازالىدى ھەمدە چەكلىدى. ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزال تەۋەلىك رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جەي جىچياڭ مۇنداق دېدى: بىر تۈركۈم قارا ئاپتوموبىللارنى جازالاپلا قالماي، يەنە بىر تۈركۈم قانۇنسىز تىجارەت قىلىۋاتقان ئاپتوموبىللارنى تۇتۇپ قالدۇق، بۇنىڭ بىلەن، ۋوگزال ئەتراپىدا قاتناش تەرتىپى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. نۆۋەتتە ۋوگزال يېپىق شەكىلدە باشقۇرۇلۇۋاتىدۇ. يايمىچى قاتارلىق بەزى كىشىلەر ئەمدى ۋوگزال رايونىغا كىرەلمەيدىغان بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر