باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«جۇڭگو سوت مەھكىمىسى يانفون تېلېۋىزىيەسى APP» ئاڭلىتىش باشلىدى

2015.02.28 16:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بىلەن شاڭخەي شەھەرلىك رادىيو تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىرلىكتە قۇرغان «جۇڭگو سوت مەھكىمىسى يانفون تېلېۋىزىيەسى APP» 27-فېۋرال ئاڭلىتىش باشلىدى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، «جۇڭگو سوت مەھكىمىسى يانفون تېلېۋىزىيەسى APP» يانفون كۆچمە تېرمىنالى ئارقىلىق خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خەۋەر ۋە مۇھىم دېلولارنى سوتلاش ئۇچۇرى قاتارلىق ئەدلىيە ئۇچۇرلىرىنى تۇنجى ۋاقىتتا جەمئىيەتكە يەتكۈزىدىكەن، ئاخىرقى نىشان- ھەممە ئادەمنى يانفون ئارقىلىق سوت مەھكىمىسىنىڭ خەۋەرلىرىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئىكەن. «جۇڭگو سوت مەھكىمىسى يانفون تېلېۋىزىيەسى APP»دا قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش خەۋەرلىرى، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتىكى قىزىق نۇقتىلار، سوتلاش ئەھۋالىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىش، نەق مەيدان ۋە سوتچىلارنىڭ دېلو سوتلىشىغا ئائىت پىروگراممىلار تەسىس قىلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە سوت ئەھۋالىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىش پىروگراممىسىدا ئالدىنقى باسقۇچتا پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرىنىڭ يېقىندا قاراپ چىققان قىزىق نۇقتىلىق دېلولارنى سوتلىشىغا ئائىت ۋىدىيو ماتېرىياللىرىنى كۆرسىتىش ئاساس قىلىنىدۇ، كېيىنكى باسقۇچتا مۇھىم، چوڭ دېلولارنى سوتلاش ئەھۋالىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىش خىزمىتى پەيدىن-پەي قانات يايدۇرۇلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر