باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

يۈ جېڭشېڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 25-قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى ئېچىلدى

2015.02.26 17:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 25-فېۋرال چۈشتىن كېيىن سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 25-قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى ئېچىلدى.

  يىغىندا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىگە بولغان مۇھىم كۆرسەتمىسى يەتكۈزۈلدى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى(دەسلەپكى لايىھەسى) توغرىسىدىكى ئۆزگەرتىش پىكرى تەتقىق قىلىنىپ، «سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 3-يىغىنىدا مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، يىغىن كەيپىياتىنى ھەقىقىي ياخشىلاش توغرىسىدىكى تەدبىر»، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 2015-يىللىق تاشقى ئالاقە پىلانى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 3-يىغىنى ۋە دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9-قېتىملىق يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلىنىپ، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا تولۇقلاپ كىرگۈزۈلگەنلەرنىڭ ئىسىملىكى ۋە كادىرلارغا ئالاقىدار باشقا ئىشلارنىڭ دەسلەپكى لايىھەسى قاتارلىقلار قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. يىغىندا يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئالاقىدار ھۆججەتلەرنىڭ دەسلەپكى لايىھەسىنى سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 9-يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى. يىغىندا دائىمىي كومىتېتنىڭ ھوقۇق بېرىشىغا ئاساسەن، ما جيەننىڭ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتىنى بىكار قىلىش قارارى قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 9-يىغىنىدا ئېتىراپ قىلىشقا سۇنۇلدى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر