باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئېغىر قوراللارنى چېكىندۈرۈشنى نازارەت قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى

2015.02.27 15:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئالاھىدە كۆزەتكۈچىلەر ئۆمىكىنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى توقۇنۇش بولۇۋاتقان رايونلاردىن ئېغىر قوراللارنى ئېلىپ چىقىپ كېتىش مۇساپىسىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى پائال نازارەت قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى ئۆزىنىڭ تور بېكىتىدە بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ئەلئارا قوراللىق تەشكىلاتلارنىڭ ئېغىر قوراللارنى ئېلىپ چىقىپ كېتىش جەھەتتىكى ئىرادىسىنى قارشى ئالىدۇ، لېكىن رۇسىيەنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئالاھىدە كۆزەتكۈچىلەر ئۆمىكىنىڭ بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن فونكىتسىيەسىنى ئاكتىپ ئادا قىلمىغانلىقى، توقۇنۇشۇۋاتقان ئىككى تەرەپنىڭ ئېغىر قوراللارنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشىنى نازارەت قىلىش جەھەتتە ئۆزىنى قاچۇرۇش پوزىتسىيەسىدە بولغانلىقى. رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف مۇنداق دېدى: رۇسىيە ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنى ئەستايىدىل، ئوبيېكتىپ ۋە بىرتەرەپلىمىلىك قاراش بولمىغان ھالدا باھالاپ چىقىشىنى، بەزىلەرنىڭ مىنىسكى يېڭى كېلىشىمىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا يول قويماسلىقىنى مۇراجىئەت قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر