باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئافغانىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە 216 كىشى قازا قىلدى، 27 كىشى يارىلاندى

2015.02.28 16:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئافغانىستان ئەمەلدارى تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ئافغانىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا چۈشكەن قاتتىق قار ۋە قار گۆمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەلىرىدە ئاز دېگەندە 216 كىشى قازا قىلدى، 27 كىشى يارىلاندى. ئافغانىستان دۆلەتلىك ئاپەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مۇھەممەد كاكار تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: ئاپەت ئەڭ ئېغىر بولغان شەرقى قىسىمدىكى پەنجېشىر ئۆلكىسىدە 24-فېۋرال كېچىدە يۈز بەرگەن قار گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە 182 كىشى قازا قىلدى، قۇتقۇزۇش خىزمىتى داۋاملاشماقتا، قىسمەن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرى ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا يەتكۈزۈلدى. پەنجېشىر ئۆلكىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇل ئەزىز 26-فېۋرال مۇنداق دېدى: بىر قانچە كۈن قاتتىق قار ياغقانلىقتىن، بۇ ئۆلكىدىكى نۇرغۇن يوللار توسالغۇغا ئۇچرىدى، قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ قىسمەن ئاپەت بولغان رايونلارغا كىرىشى تەسلەشتى، قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئىنتايىن جاپالىق بولماقتا. ئۇددا بىر قانچە كۈندىن بۇيان، ئافغانىستاندىكى نۇرغۇن جايلاردا قار يامغۇرلۇق ھاۋارايى كۆرۈلدى. بۇ دۆلەتتىكى نۇرغۇن ئۆيلەر تاغ بويىغا جايلاشقان بولۇپ، ئاسانلا قار گۆمۈرۈلۈپ چۈشۈش، لاتقا شېغىل ئېقىنى قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر