باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى سېتىۋېلىش قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى ئېلان قىلىندى

2015.02.28 16:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا گوۋۇيۈەن زوڭلىسى لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ 658-نومۇرلۇق بۇيرۇقىنى ئىمزالاپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى سېتىۋېلىش قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامىنى ئېلان قىلدى. نىزام 1-مارتتىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ.

  ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش قانۇنى 2003-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ھۆكۈمەتنىڭ سېتىۋېلىش ھەرىكەتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ھۆكۈمەتنىڭ سېتىۋېلىش مەبلىغىنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى. 10 نەچچە يىلدىن بۇيان، ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش ئىسلاھاتى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلدى، ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش ئومۇمىي كۆلىمى 2002-يىلىدىكى 100 مىليارد 900 مىليون يۈەندىن 1 تىرىليون 638 مىليارد 100 مىليون يۈەن كۆپەيدى. لېكىن ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش پائالىيىتىدىمۇ سۈپىتى يۇقىرى بولماسلىق، ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرۈلۈشكە باشلىدى. شۇڭا نىزامنى بېكىتىش ، ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت سېتىۋېلىشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، قانۇن تۈزۈملەشتۈرۈشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇلغان، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان، نازارەتنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان، قاتتىق سۈرۈشتۈرۈدىغان ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش خىزمەت مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش زۆرۈر.

  جەمئىيەتنىڭ دىققىتىگە ئىنكاس قايتۇرۇش، سېتىۋېلىش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، نىزامدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش مەنبەسىدىن باشقۇرۇلىدۇ ۋە ئۈنۈمىمۇ باشقۇرۇلىدۇ. ئاۋاز ساندۇقىنى كونترول قىلىشنىڭ ئالدى ئېلىنىپ، چىرىكلىشىش چەكلىنىپ، ھۆكۈمەت سېتىۋېلىشنىڭ ئاشكارا، ئادىل،ھەققانىي بولىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

  ھۆكۈمەتنىڭ جەمئىيەتتىكى كۈچلەرگە قاراتقان سېتىۋېلىش مۇلازىمەت خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن، نىزامدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش مۇلازىمىتى جۈملىدىن ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزى ئېھتىياجلىق مۇلازىمەت ۋە ھۆكۈمەتنىڭ جەمئىيەتتىكى ئاممىغا ئاممىۋى مۇلازىمەت قىلىشى ئايدىڭلاشتۇرۇلىدۇ. ھۆكۈمەت ئاممىۋى مۇلازىمەت تۈرلىرىنى سېتىۋېلىش ئېھتىياجى ئۈستىدە جەمئىيەتتىكى ئاممىدىن پىكىر ئېلىش،تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالغاندا مۇلازىمەت ئوبيېكتىنى قاتنىشىش ھەمدە پىكىر بېرىشكە تەكلىپ قىلىش،تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش نەتىجىسىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىش لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر