باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2015-يىلى قاتناش مىنىستىرلىقى خەلق تۇرمۇشىدا ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپرەك قىلىشقا ۋەدە بەردى

2015.02.28 16:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قاتناش تىرانسىپورت مىنىستىرلىقى 26-فېۋرال 2015-يىلى قاتناش تارماقلىرى خەلق تۇرمۇشىغا يېقىنلىشىدىغان 10 ئەمەلىي ئىشنى تاماملاپ، ئاممىنىڭ سىرتقا چىقىشىغا ھەقىقىي قولايلىق، يارىتىپ، تېخىمۇ ئىللىقلىق يەتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  قاتناش مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2015-يىلى يېزا تاشيول قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، يېزىلارنىڭ تىرانسىپورت مۇلازىمىتىنى ياخشىلاش، يېزىلارنىڭ تىرانسىپورت بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، كۆۋرۈكلەرنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق جەھەتلەردە قاتناش تىرانسىپورت مىنىستىرلىقى تۆت خىل ئەمەلىي ئىشنى ئوتتۇرىغا قويدى:

  بىرىنچى، يېزا تاشيوللىرىدىكى يېڭىدىن ئۆزگەرتىلىدىغان تۈرلەر: ناھىيە، يېزا، كەنت يوللىرىنى يېڭىدىن ئۆزگەرتىپ سېلىش، غەربىي رايونلاردىكى كەنتلەرگە قاتنايدىغان يولنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرۈش، شەرقىي، ئوتتۇرا رايونلار ۋە غەربى قىسىمدىكى نىسبىي تەرەققىي تاپقان رايونلاردا يېزا تاشيوللىرىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق يولغا قويۇش.

  ئىككىنچى، يېزا يولۇچىلار تىرانسىپورتىنىڭ قاتناش تۈرى: يېزا تاشيوللىرىدا يولۇچىلار تىرانسىپورت لىنىيىسىدە قاتناش شەرتىنى ھازىرلىغان رايونلاردا يېڭىدىن يولۇچىلار ئاپتوبوسى قاتنايدىغان كەنتتىن 2000 نى كۆپەيتىش، قاتناش نىسبىتىنى %93.2 كە يەتكۈزۈش.

  ئۈچىنچى؛ ئۆتكەل، كېچىك كېمىسىنى ياخشىلاش تۈرى: سۇ قاتنىشىغا تايىنىپ سەپەرگە چىقىدىغان يېزىلاردا ئۆتكەل، كېچىك كېمىسى بىخەتەرلىك تېخنىكىسى شارائىتىنى كۈچەپ ياخشىلاپ، شارائىتى ئەڭ ناچار، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى ئەڭ كۆپ بولغان 800 ئۆتكەلنى ئۆزگەرتىش ھەمدە پاراخوتنىڭ ئىشلىتىلىش ۋاقتى 15 يىلغا يەتكەن ياكى 15 يىلدىن ئاشقان يېزىلاردىكى كونا كېچىك كېمىدىن 300 دىن ئارتۇقنى يېڭىلاپ ئۆزگەرتىش.

  تۆتىنچى؛ كۆۋرۈكلەرنى ئۆزگەرتىش تۈرى: «كۆۋرۈكلەرنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇش پىلانىنىڭ 2013-يىلىدىن 2015-يىلغىچە بولغان نىشانىنى» ئومۇميۈزلۈك تاماملاپ، 100 جۈپ كۆۋرۈكنى ئۆگەرتىش، غەربىي قىسىمدىكى تاغلىق رايوندىكى ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىش قېيىنچىلىقىنى ئۈزۈل كېسىل ھەل قىلىش.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر