- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
«8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى» نى كۈتىۋېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئاياللارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
2015.02.28 13:29 مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى
ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى، شىنجاڭ ئاياللار بالىلار تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى بىرلىكتە تۆنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، «8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى» نى كۈتىۋېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئاياللارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، چاپچال شىۋە ئاپتونوم ناھىيىسىدىكى 56 مىڭدىن ئارتۇق ئايالغا 6 مىليون 150 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى كىيىم- كېچەك، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 500 ئايال موھىت تازىلىقى ئىشچىسىغا 55 مىڭ 204 يۈەن قىممىتىدىكى كىيىم-كېچەك ھەدىيە قىلدى.
بۇ قېتىمقى ئاياللارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتىدە تەقدىم قىلىنغان ماددىي بۇيۇملارنى «خەنشۇ شاڭخەي يوۋشاڭ» بىئو-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئىئانە قىلغان بولۇپ، ئىئانە بۇيۇمىنىڭ قىممىتى 6 مىليون 205 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت
ئالاقىدار خەۋەرلەر