باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ب د ت دوكلاتىدا: 2014-يىلى يەر شارىدىكى 50 پىرسەنت تەبىئىي ئاپەت ئاسىيا رايونىدا يۈز بەردى

2015.02.27 15:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ئىجتىمائىي جەمئىيىتى تۈنۈگۈن «ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى تەبىئىي ئاپەتلەر: 2014-يىلغا نەزەر» تېمىسىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: 2014-يىلى يەر شارىدىكى 226 قېتىملىق تەبىئىي ئاپەتنىڭ يېرىمى ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدا يۈز بەردى، بۇنىڭ ئىچىدە 85 پىرسەنتى ئېغىر دەرىجىدىكى چېگرا ھالقىغان قارا بوران، كەلكۈن ۋە تاغ گۆمۈرۈلۇش ئاپەتلىرى بولۇپ، بۇ ئاپەتلەردە ئالتە مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلدى، 79 مىليون 600 مىڭ ئادەم يارىلاندى.

  دوكلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ دۆلەت ھالقىغان كەلكۈن، تاغ گۆمۈرۈلۈپ چۈشۈشكە قارىتا ھېچقانداق تەييارلىقى يوق، بۇنداق ئاپەتلەر كىلىمات ئۆزگىرىشى تۈپەيلىدىن ئېغىرلاپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى رايون ئۇچۇرلىرىنى ئالماشتۇرۇشى ھەمدە ماسلىشىپ بىرلەشمە دەسلەپكى مەزگىللىك سىگنال ۋە تارقاقلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى كۈچەيتىشى كېرەك. دوكلاتتا ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ چېگرا ھالقىغان تەبىئىي ئاپەتلەرگە قارىتا رايون ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى مۇراجىئەت قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر