باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنى نېمە ئۈچۈن تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ

2015.02.28 16:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنى قايتا تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى. ئەمەلىيەتتە بۇنىڭدا مۇنداق ئىككى ئىشنى كۆزدە تۇتتى.

  1.تىز قەد كۆتۈرۈۋاتقان جۇڭگونى ئىستراتېگىيە جەھەتتىن چەكلەش ۋە توسۇشقا ئورۇنۇش.

  2. بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنى تىزگىنلەش.ھەممىگە ئايانكى مەيلى جۇڭگو ۋە دياۋيۈ ئارىلى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق ئاراللارنى چۆرىدىگەن ئىگىلىك ھوقۇق ماجىراسى بولسۇن ياكى ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى ئۈستىدىكى تىركىشىشى بولسۇن ئامېرىكا پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ يول كۆرسەتمەكتە.دياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسىدە ئامېرىكا ئوخشاش بولمىغان سورۇنلاردا جۇڭگو بىلەن ياپونىيىگە ئۆز ئارا زىددىيەتلىك ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ، ياپونىيىنى جۇڭگو بىلەن تىركىشىشكە قۇترىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىچكى كۈچىنى خورىتىش غەرىزىدە بولماقتا. جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە ئامېرىكا جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇقلۇق ئايرىم دۆلەتلەرنىڭ ئەمەلىي كۈچىنىڭ ئاجىزلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، ھەربىي ئىشلارنى نورماللاشتۇرغان ياپونىيىنى جەنۇبىي دېڭىزنى چارلاشقا قۇتراتتى.بۇ ئامېرىكىنىڭ بىرىنچىدىن ياپونىيە قوغدىنىش قىسمىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى كۆز كۆز قىلىپ، جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە ئاستىرتىن ئارىلىشىش ؛ ئىككىنچىدىن ئامېرىكا ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپ جۇڭگو بىلەن بىۋاسىتە قارشىلىشىشتىن ساقلىنىپ، ئىلگىرىلەش، چېكىنىش، قولغا كەلتۈرۈشتە ئۈستىلىق قىلىش؛ ئۈچىنچىدىن، جۇڭگو بىلەن ياپونىيىنى چەكلەپ، كۈچىنى خورىتىشتىن ئىبارەت بىر چالمىدا ئىككى پاختەكنى سوقۇش.

  ياپونىيە نۇرغۇن ۋاقىتلاردا ئامېرىكىنىڭ چاپارمىنى بولسىمۇ، لېكىن ياپونىيىنىڭمۇ ئويلىغىنى بار، ئۇ بولسىمۇ ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇش ئاپتوموبىلىغا ئېسىلىپ، پاراخوتىنى ئارىيەت ئېلىپ، ھەربىي ئىشلارنىڭ مۇنتىزىملىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىش. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ياپونىيە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتمەكتە ھەمدە قىسمەن دۆلەتلەر بىلەن ھەربىي ئىشلار بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، جەنۇبىي دېڭىز ئىشلىرىغا ئارىلىشىش غەرىزى ئىنتايىن ئېنىق بولماقتا. بۇ قېتىم ئامېرىكىنىڭ ياپونىيىنى جەنۇبىي دېڭىز ئىشلىرىغا ھەربىي ئارىلىشىشقا زورلىشى ياپونىيە ئۈچۈن ئېيتقاندا كۆڭلىگە ياققاندەك قىلىدۇ.

  بىرىنچىدىن، ياپونىيە ئاتالمىش جەنۇبىي دېڭىزنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش قالپىقىنى كىيىۋېلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىتتىپاقداش كۈچ تېپىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، شەرقىي دېڭىز، جەنۇبىي دېڭىزدىن جۇڭگونى چەكلەش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن تىركىشىشكە كېتىدىغان دەسمايىسىنى كۆپەيتەلەيدۇ.

  ئىككىنچىدىن،ھەربىي ئىشلارنى مۇنتىزىملاشتۇرۇشنىڭ يېتەكچىلىكىدە كەلگۈسىدە ياپونىيە قوغدىنىش قىسمى مەيلى قەيەردە بولسۇن، ھەر خىل ئۇسۇلنى قوللىنىپ جەنۇبىي دېڭىزنى چارلاشتا بولسۇن، ياپونىيە ئەتراپىدىن ھالقىپ، جەنۇبىي دېڭىزغا بېرىشىنىڭ ئۆزى بىر خىل زور بۆسۈش.

  2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىنكى بىرقانچە ئون يىلدا ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىق رامكىسىدا ، ياپونىيە نۇرغۇن زېھنى كۈچىنى ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قاراتتى. بىراق ياپونىيە ئىمپېرىيىسىگە ئايلىنىش يامان غەرىزىدە بولۇۋاتقان ياپونىيە ئوڭچىللىرى كۈنسايىن قوللاشقا ئېرىشمەكتە. ئابىشىنزو يەنە بىر قېتىم تەختكە چىقىشى بىلەن ئىلگىرى يوشۇرۇن ھالەتتە تۇرۇۋاتقان ئوڭچىل كۈچلەر تەشەببۇسلىرىنى بارغانسېرى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويماقتا.

  ياپونىيىنىڭ ئەخمىقانە ھەرىكەتلىرى ۋە قوشنا دۆلەتلىرىنىڭ ساراسىمىگە چۈشۈشىگە قارىتا، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى بىر قانچە ئون يىلدىن بۇيانقى ياپونىيىنىڭ قوغدىغۇچىسى ۋە چەكلىگۈچىسى بولۇپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كۆزىنى يۇمۇۋېلىش پوزىتسىيىسىدە بولۇپ، ئىنسانىي ۋىجدانغا سەل قارىدى. بۇ خىل ئارقا كۆرۈنۈش دەل ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ رېئال دىپلوماتىك ئېھتىياجنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيىسىدە ياپونىيىنى ھىمايە قىلىپ، ئامېرىكا ئېھتىياجلىق بولغان خەلقئارا تەرتىپنى ئورنىتىش ۋە قوغداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سوغۇق رېئالىستىك دىپلوماتىيىسى ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان نەتىجىنى ئېلىپ كېلىشى ناتايىن.

  ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ياپونىيىنى چاڭگىلىغا ئېلىش كۈچى ئۆزىنىڭ ئىشەنچىسىدىن يىراقتەك قىلىدۇ. تارىختا فاشىستىك كۈچلەرگە زەربە بېرىش سىياسىتى تارىخىي ساۋىقى بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنى ئۇنتۇپ قىلىپ، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدا ھەق بىلەن ناھەقنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئابىشىنزونىڭ ئاشكارا خەتەرلىك مايىللىقىنى ھەرگىزمۇ ئەيىبلىمىدى ۋە ئاگاھلاندۇرمىدى. ئوڭچىللار يېتەكچىلىكىدىكى ياپونىيەنىڭ قايتىدىن ھەربىي چوڭ دۆلەتكە ئايلىنىش خەتىرىگە سەل قارىدى. ھازىر ئاسىيا تىنچ ئوكيان قېلىپىدە جۇغراپىيىلىك سىياسىي مۇقىملىقىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىشى رايون ۋەزىيىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۋەتمەكتە. ئامېرىكىمۇ بۇنىڭدىن قۇتۇلالمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر