باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا بىلەن كۇبانىڭ مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرۇشى رايون تىنچلىقى مۇقىملىقىغا پايدىلىق

2015.02.28 16:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا بىلەن كۇبانىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى 2-نۆۋەتلىك يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆزلىشىشى شۇ جاي ۋاقتى تۈنۈگۈن ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ نۆۋەتلىك سۆزلىشىشتە ئىككى تەرەپ قانداق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدۇ؟ ئىككى تەرەپنىڭ يەنە قانداق تەلەپلىرى ۋە ئىختىلاپى بار؟ ئامېرىكا بىلەن كۇبا مۇناسىۋىتىنىڭ نورماللىشىشى كارىب رايونى ھەتتا لاتىن ئامېرىكىسى رايونىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

  ئۆتكەن قېتىملىق سۆھبەت بويىچە ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكىگە يەنىلا غەربى يېرىم شار ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى روبېرتا جاكوپسېن مەسئۇل بولدى، كۇبا ۋەكىللەر ئۆمىكىگە بولسا كۇبا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئامېرىكا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خېسەيفېينا ۋېيدار مەسئۇل بولدى.

  ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: 2-نۆۋەتلىك سۆھبەتتە ئىككى دۆلەتنىڭ ھاۋانادا باشلىنىدىغان سۆزلىشىشى داۋاملىشىدۇ، بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرۇش مۇساپىسىدىكى بىر مۇھىم قەدەم. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى 25-فېۋرال تېلېفون يىغىنىدا تاراتقۇلارغا 2-نۆۋەتلىك سۆھبەتتە دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى تامامەن ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئاساس قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  كۇبانىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات مۇتەخەسسىسى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كۇبا بىلەن ئامېرىكىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك سۆزلىشىشىدە گەرچە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ ئەھمىيىتى زور بولدى، بۇ ئىككى تەرەپ ئاخىرى بىر يەردە ئولتۇرۇپ رەسمىي سۆھبەتنى باشلىغانلىقىدىن، ئىككى تەرەپنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان قارالمىلارنى كەڭ تۈردە ئوتتۇرغا قويۇپ، كېيىنكى نۆۋەتلىك سۆھبەتتىكى مۇھىم نۇقتىنى شەكىللەندۈرۈشكە قولايلىق يارىتىپ بېرىدىغانلىقىدىن، شۇنداقلا ئىككى تەرەپنىڭ دىپلوماتىيە ئىستراتېگىيەسى جەھەتتە يەنە بىر قېتىم ئۆز ئارا ئىزدىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇ يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۆھبەت ھەققىدە مۇنداق دېدى: ئەگەر ئامېرىكا كۇبانى تېررورچىلارنى قوللىغۇچى دۆلەتلەر ئىسىملىكىدىن چىقىرىۋەتسە ياكى چىقىش يولى پىلانىنى تۈزۈپ چىقسا، ئىككى تەرەپ ئەلچىخانىلىرىنى قايتىدىن ئېچىشقا ۋاقىت جەدۋىلى تۈزسە بولىدۇ، بۇ بۇ قېتىمقى سۆزلىشىشتە يارىتىلىدىغان ئەڭ ياخشى ۋەزىيەت.

  جاكوفسېن مۇنداق دېدى: ئىككى دۆلەت ئۆتكەن 50 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيانقى ئۆز ئارا ئىشەنمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ۋېيدار ئىككى دۆلەتنىڭ باراۋەر ئىگىلىك ھوقۇق ۋە قارشى تەرەپنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشتىن ساقلىنىش ئاساسىدا ئۇچرىشىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

  كۇبا خەلقئارا مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسلىرى ھەمدە تاراتقۇ كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ تەھلىلىگە قارىغاندا، كۇبانىڭ بۇ قېتىمقى سۆزلىشىشتىكى تەلىپىنى قالپاقنى چۆرۈپ تاشلاش، پۇت يۇيۇش، جازانى بوشىتىش دەپ يىغىنچاقلاشقا بولىدىكەن. يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىككى تەرەپلىك سۆزلىشىشتە، كۇبا ئامېرىكىنىڭ كۇبانىڭ تېررورچىلارنى قوللىغۇچى دۆلەتلىك قالپىقىنى ئېلىۋېتىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكىتىگە تىرىشىپ تۈرتكە بولىدۇ. كۇبا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئەمەلدارىنىڭ بۇندىن بۇرۇنقى ئىپادىسىدىن قارىغاندا، تېررورچىلارنى قوللىغۇچى دۆلەتلىك قالپىقىنى ئېلىۋېتىش-دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئەمەسكەن، لېكىن كۇبا يەنىلا تېررورچىلارنى قوللىغۇچى دۆلەتلەر ئىسىملىكىدە بولسا، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش ناھايىتى تەس ئىكەن.

  ئوباما ھۆكۈمىتى كۇبانىڭ تېررورچىلارنى قوللىغۇچى دۆلەتلىك قالپىقىنى ئېلىۋېتىش ھەمدە كۇباغا قارىتىلغان سودا ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىشتا ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئوباما بۇندىن بۇرۇن دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ كۇبانىڭ تېررورچىلارنى قوللاش مەسىلىسىگە قاراپ چىقىشى ھەققىدە كۆرسەتمە بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە كۇباغا قارىتىلغان سودا ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىش توغرىسىدا پارلامېنت بىلەن كېڭىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

  ئىككى تەرەپنىڭ تېخىمۇ زور ئىختىلاپى شۇ يەردىكى، كۇبا ئامېرىكىنى مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، كۇبانىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنماسلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى، ئامېرىكا بولسا ئۆزلىرىنىڭ ئاخىرقى نىشانىنىڭ كۇبانىڭ ئىچكى ئىشلىرىدا ئۆزگىرىش بولۇشى ھەققىدە ئىزدىنىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

  بەزى تەھلىللەردە مۇنداق دەپ قارالدى: ئامېرىكىنىڭ كۇباغا قاراتقان ئىقتىسادى، سودا ۋە پۇل مۇئامىلە قامىلىنى بىكار قىلىشى ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ كۇباغا سالىدىغان مەبلىغىنى كۆپەيتىشىگە، كۇبانىڭ ئىقتىسادى يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىشىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى كۇبانىڭ كارىب رايونىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىسادى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن كارىب رايونىنىڭ ئىقتىسادىغا يېڭى ھاياتى كۈچ قوشىدۇ.

  يەنە بەزى تەھلىللەردە مۇنداق دەپ قارالدى: كۇبا كارىب رايونىدىكى ئەڭ چوڭ، ئەڭ جەلپكار ساياھەت نىشانلىرىنىڭ بىرى، كۇبا ئامانلىق مۇھىتى ياخشى، مال باھاسى ئەرزان بولۇشتەك ئۈستۈنلۈككە ئىگە، شۇڭا كارىب رايونىدىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ساياھەت ئىشلىرىغا مەلۇم رىقابەت شەكىللەندۈرىدۇ.

  ئامېرىكا كۇبا مۇناسىۋىتىنىڭ نورماللىشىشىنى لاتىن ئامېرىكىسى رايونى قارشى ئالىدۇ، بۇ ئامېرىكا بىلەن بەزى سولچى دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى يېقىنلاشتۇرىدۇ، بۇ ئامېرىكىنىڭ بۇ رايوندىكى ئوبرازىنى ياخشىلاش ۋە ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق.

  ئامېرىكا بىلەن كۇبا مۇناسىۋىتىدىكى ئۆزگىرىش غەربى يېرىم شاردىكى ئەڭ ئاخىرقى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ قالدۇقى، بۇ كارىب رايونى ۋە لاتىن ئامېرىكىسى رايونىنىڭ دىپلوماتىيە مۇھىتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ رايون ئورۇنلاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ. دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە ئېچىلغان تۇنجى ئىشىك، ئىمبارگو قامىلىنى بىكار قىلىش، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك نورماللاشتۇرۇشتا مەنزىل يەنىلا يىراق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر