باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىللىق ئىككى يىغىندىكى قىزىق نۇقتىلارغا نەزەر

2015.02.27 15:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىنى بەلگىلەيدىغان ئىككى يىغىن 3-ئاينىڭ بېشىدا ئېچىلىدۇ. يىغىندىكى بىر يۈرۈش قىزىق نۇقتىلار كەڭ دىققەتنى قوزغىماقتا.

  بۇلتۇر-جۇڭگو ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرغان تۇنجى يىل بولدى، بۇ يىل ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى ھالقىلىق يىل دەپ ئاتالدى. ئىككى يىغىندا بۇرۇنقى نەتىجىلەرگە قاراپ چىقىلىدۇ ھەم كەلگۈسىدىكى ئىسلاھاتنىڭ ئۇلى پۇختىلىنىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت يەنىمۇ ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش ئارقىلىق، ئىسلاھاتنى راۋانلاشتۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەبلەغ سېلىش، يۈرۈشتۈرۈش، مالىيە، باج، باھا، پۇل مۇئامىلە، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تۈزۈلمىسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىسلاھات كۈچەيتىلىپ، جەمئىيەت، خەلق تۇرمۇشى، ئەدلىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنىڭ تېزلىتىلىشىدىن ئۈمىد بار.

  پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنى-جۇڭگونىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش مۇساپىسىنىڭ نامايەندىسىگە ئايلانغاندىن كېيىن، ئالاقىدار قارارلارنى قانداق قىلىپ ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش-بۇ يىللىق قىزىق نۇقتا بولىدۇ. بۇ يىل-دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش باشلانغان يىل. ئومۇميۈزلۈك دىققەتنى قوزغىغان قانۇن چىقىرىش قانۇنى تۈزىتىلمە لايىھەسى يەرلىكنىڭ قانۇن چىقىرىش ھوقۇقىنى كېڭەيتىش قاتارلىق نۇرغۇن قىزىق نۇقتىلارغا چېتىلىدۇ، بۇ لايىھەگە بۇ قېتىمقى خەلق قۇرۇلتىيىدا قاراپ چىقىلىدۇ.

  بۇلتۇر جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ يولۋاسلارغا زەربە بېرىشىنى ئۆزلۈكسىز كۈچەيتىشىگە شاھىت يىل بولدى، پۇقرالار بۇ بىزنى خۇشال قىلدى دېيىشتى. نۆۋەتتە، كىشىلەر چوڭ يولۋاسلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا كۆڭۈل بۆلۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، نەزىرىنى يەنە ئەتراپىدىكى چىۋىنلەرنى ئۇرۇش ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مەركەزلەشتۈردى. يېڭى يىل ۋە چاغاندىن بۇيان، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش قەدىمىنى توختىتىپ قويماي، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئۆتكۈر شەمشىرىنى باشتىن-ئاخىر ئېگىز كۆتۈردى، پۇقرالار چېرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى كۈچلۈك ئۈمىد قىلدى.

  بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىدا، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يەرلىكتە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، تۆت ئومۇميۈزلۈك ئىستراتىگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش، يەنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ بولۇشنى تەڭكەش ئىلگىرى سۈرۈش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئارقىلىق، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يېڭى سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ يېڭى تەدبىر-دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك شۇنداقلا بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئېنىق خىزمەت پىروگراممىسى. ئىككى يىغىننىڭ دىققىتى مۇشۇلارغا مەركەزلىشىدۇ.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جۇڭگو جەمئىيىتىدە خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان مال باھاسىنى يەنىمۇ مۇقىملاشتۇرغىلى بولامدۇ-يوق، ياشلار ئۆي سېتىۋالالامدۇ-يوق، مۇھىت ئاسراش، تۇمان-تۈتەكنى تۈزەش، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىقلاردا يېڭى مېخانىزم شەكىللەندۈرگىلى بولامدۇ-يوق دېگەندەك مەسىلىلەر شۇنداقلا مائارىپ ئادىللىقى، داۋالاش ئىسلاھاتى، ئىشقا ئورۇنلىشىش، كۈتۈنۈش قاتارلىق قىزىق نۇقتىلار پەيدا بولدى، بۇلار ئىككى يىغىندا داۋاملىق قىزىق نۇقتا بولىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ قوي يىلىدىكى چاغانلىق كوللېكتىپ پەتىلەشتە، خەلققە تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتىشنى تەكىتلىدى، بۇنىڭ بىلەن ئامما ئىككى يىغىندىن تېخىمۇ كۆپ ئۈمىدلەرنى كۈتمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر