باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئىنتىزام، ئىستىلنى چىڭىتىش توغرىسىدا «15 ماددىلىق مەنئى قىلىش بۇيرۇقى» چىقاردى

2015.01.28 16:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 27-يانۋار تېلېگراممىسى. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى يېقىندا «ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئورگانلىرىنىڭ ئىنتىزام ئىستىلىنى چىڭىتىش بەلگىلىمىسى»نى ئېلان قىلىپ، ئىنتىزام ئىستىلىنى چىڭىتىشتىكى «15 ماددىلىق مەنئى قىلىش بۇيرۇقى»نى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

  «بەلگىلىمە» 15 ماددىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئالاقىدار ئىنتىزام ئىستىلى تەلىپىنى قايتا بايان قىلىش ئاساسىدا، سىياسىي ئىنتىزام ئىستىلى، دېلو بېجىرىش ئىنتىزام ئىستىلى، خىزمەت ئىنتىزام ئىستىلى، تۇرمۇش ئىنتىزام ئىستىلى ۋە پاكلىق ئىنتىزام ئىستىلى جەھەتلەردە مەنئى قىلىش خاراكتېرلىك تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەسىلەن «بەلگىلىمە»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا باشقا تەپتىش ئەمەلدارلىرى، باشقا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ياكى باشقا ئەدلىيە ئورگانلىرى بېجىرىۋاتقان دېلولارنى سۈرۈشتۈرۈش، ئارىلىشىش، دېلو جاۋابكارى ئۈچۈن ئارىغا ئادەم سېلىش مەنئى قىلىنىدۇ؛ دېلو جاۋابكارى ياكى جاۋابكارنىڭ ئاقلىغۇچىسى، ۋاكالەتچىسى، ئەرز قىلغۇچىسى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە ئالاھىدە مەنپەئەتدارلىرى بىلەن ئۆز مەيلىچە كۆرۈشۈش مەنئى قىلىنىدۇ؛ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا دېلو جاۋابكارىغا ئالاھىدە ئادۋوكاتنى ئۆزى بېجىرىدىغان دېلونىڭ دەۋا ۋاكالەتچىلىكى، ئاقلىغۇچىلىقىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىش ياكى جاۋابكاردىن ئادۋوكات ئالماشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىش، بىشارەت بېرىش مەنئى قىلىنىدۇ ۋەھاكازالار.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر