باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ مۇتەخەسسىس، ئالىم ۋە كارخانىچىلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى

ئۇلارنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى

2015.01.27 16:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاڭ گاۋلى قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 26-يانۋار تېلېگراممىسى. گوۋۇيۇەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 26-يانۋار چۈشتىن كېيىن سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، يىغىندا مۇتەخەسسىس، ئالىم ۋە كارخانىچىلارنىڭ «ھۆكۈمەت خىزمىتىدى دوكلات»توغرىسىدىكى پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئاڭلاندى.

  يىغىنغا، ئالىي مەكتەپ، تەتقىقات ئورۇنلىرى، پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىدىن كەلگەن مۇتەخەسسىس، ئالىملار ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت توغرىسىدا ئۆز پىكىرلىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئېنتېرنت تورى، ئېلېكترونلۇق ئۇچۇرى، ئىگىلىك تىكلەشكە مەبلەغ سېلىش، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى قاتارلىق ساھەلەرنىڭ كارخانا مەسئۇللىرى كەسىپلەر تەرەققىياتى ۋە ئىقتىسادنىڭ يۈزلىنىشى توغرىسىدا ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. كۆپچىلىك مۇنداق دېدى: بۇلتۇرقى مۇرەككەپ، كەسكىن خەلقئارا ۋەزىيەتتە، ئېلمىزنىڭ ئىقتىسادى ٪7.4 ئاشتى، بولۇپمۇ ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋېتىنى راۋانلاشتۇرۇش، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىش جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىشتە زور بۆسۈش ھاسىل قىلىندى، خەلقنىڭ تۇرمۇشىدا يېڭى ئۆزگىرىش، ياخشىلىنىشلار بولدى، بۇ ئاسان ئەمەس. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر ئىسلاھات، تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر مەملىكىتىمىزدىكى يۇقىرىدىن تارتىپ تۆۋەندىكى ھەممىسىنىڭ ئورتاق تىرىشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا ئولتۇرغان ھەر بىرىڭلارنىڭ جاپالىق ئەمگىكىڭلار ۋە تۆھپەڭلارنىڭ نەتىجىسى. بۇ يىل ئىشلىنىدىغان خىزمەتلەر ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ، تەرەققىيات يەنىلا بىرىنچى ۋەزىپە، ئالدىمىزدىكى قىيىنچىلىق ۋە خىرسلار ئاز ئەمەس، ۋەزىپەلەر خېلىلا مۇشكۈل ۋە مۇرەككەپ، كۆپچىلىكنىڭ بىر نىيەت بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىشىغا توغرا كېلىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر