خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ28 -يانۋار، بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى(مەلىكەم):قەشقەرلىق ياش ئۇيغۇر فوتوگراف مۇتەللىپ مۇھەممەتئىمىن ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە خاس فوتو ئەسەرلىرى بىلەن، 10-يانۋار شەنشى ئۆلكىسى يۈنچېڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا فوتوگرافىيە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ يىللىق باھالاش يىغىنىدا، 2014-يىللىق «خەلقئارادىكى ئون كۆزگە كۆرۈنگەن فوتوگراف» نىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى.
قەشقەردە ئۆسۈپ-يېتىلىپ چوڭ بولغان مۇتەللىپ مۇھەممەتئىمىن كىچىكىدىن تارتىپلا رەسىم سىزىشقا ھېرىسمەن ئىدى. ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، تاسادىپىي كەلگەن پۇرسەت بىلەن سۈرەتخانىدا ئىشلىدى. ئەنە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇنىڭ ھاياتى فوتوگرافلىق بىلەن چەمبەرچەس باغلانغانىدى. يېقىنقى ئىككى يىلدا، ئۇ «ھەممىباب ئۇسلۇبى مەدەنىيەت-سەنئەت كۇلۇبى»نىڭ ئەزاسى بولدى ۋە پېشقەدەم ئۇستازلارنىڭ يېتەكلىشى ۋە ياردىمى ئاستىدا ئۇنىڭ ئىجادىيەت ئىلھامى ئۇرغۇپ، «خۇشاللىق»، «چېنىقىش»، «تار كوچا» قاتارلىق كۈچلۈك مىللىي پۇراققا ئىگە فوتو ئەسەرلىرىنى ياراتتى.خەلقئارا فوتوگرافىيە ئىلمىي جەمئىيىتى 2008-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ھەرقايسى ئەللەردىكى فوتوگىراف ۋە فوتوگرافىيە ئۇيۇشمىلىرىدىن تەشكىللەنگەن، 16مىڭدىن ئارتۇق ئەزاسى بار، 82 دۆلەتكە تارقالغان.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى