خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 27- يانۋار، مەملىكەتلىك پىنسىيىگە چىققان ئىلغار شەخىس، كەلپىن ناھىيلىك دۆلەت باج ئىدارىسىنىڭ پىنسىيگە چىققان كادىرى مەمەت ئەمەت بىلەن مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنچىسى، خاڭجۇ ئىلىكتىر كۈچى ئىدارىسىنىڭ ئىشچىسى شى ۋېنبىن پائالىيەت نەق مەيدانىدا قۇچاقلاشماقتا.
27 –يانۋار، جېجىيا ئۆلكىسى بىلەن ئۇ ياردەم بېرىدىغان شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى خاڭجۇدا « جېجىياڭ ئاقسۇ مېھرى—چىلان بىلەن بەخت تىلەش، ياخشىلارغا مىىەتدارلىق بىلدۈرۈش» تېمىسىدىكى تەشۋىقات پائالىيتىنى ئۆتكۈزدى. ئىككى يەردىكى 10 نەپەر ياخشى ئادەم نەق مەيداندا «قوش بولۇپ» تۇغقان بولۇپ، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ بەخت تىلەپ، دوستلۇقنى سۆزلەپ، مېھىرنى ئەسلىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى يېقىنقى يىللاردىن بويان جېجىياڭ ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ھەر قايسى كەسىپلەردىن چىققان ئەخلاق نەمۇنچىلىرى.
ئىگىلىنىشچە، نەق مەيداندا «قوش بولۇش» تىن باشقا، ئىككى يەردە يەنە 50 نەپەر ياخشى ئادەم خەت يېزىشىش، تېلفۇنلىشىش، توردا ئالاقىلىشىش، كۆرۈشۈش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئۇزۇن مەزگىللىك ئۆز- ئارا ھەمكارلىق ئورنىتىپتۇ.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى