باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكمىسى 15 تۈرلۈك مەنئى قىلىش بۇيرۇقى چىقاردى

2015.01.29 09:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسى يېقىندا« ئالىي خەل تەپتىش مەھكىمىسى ئورگانلىرىنىڭ ئىنتىزام ئىسىتىلىنى چىڭتىش ھەققىدىكى بەلگىلىمى»نى قاراپ چىقىپ ماقۇللاپ، ئىنتىزام ئىسىتىلىنى چىڭىتىش ھەققىدىكى 15 تۈرلۈك مەنئىي قىلىش بۇيرۇقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، باش تەپتىشى ساۋ جيەنمىڭ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قاتتىق تەربىيەلەش، قاتتىق باشقۇرۇش ۋە قاتتىق نازارەت قىلىشنى ئورگان كادىرلىرىنى باشقۇرۇشنىڭ بارلىق جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئىنتىزامنىڭ قاتتىقلىق دەرىجىسىنى ، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئىنتىزامنى ھەر بىر ئورگان كادىرى دەسسىسە بولمايدىغان قىزىل سىزىققا ھەقىقى ئايلاندۇرۇشى لازىم.

  ئىگەللىنىشىچە، بەلگىلىمىدە ئىنتىزام ئىسىتلى ھەققىدىكى تەلەپ تەكىتلىنىش بىلەن بىرگە ، سىياسىي ئىنتىزام ئىستىلىنى، دېلو بېجىرىش ئىنتىزام ئىستىلىنى، خىزمەت ئىنتىزام ئىستىلىنى، تۇرمۇش ئىنتىزام ئىستىلىنى ۋە پاكلىق ئىنتىزام ئىستىلىنى چىڭىتىش قاتارلىق بەش جەھەتتىن چەكلەش تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلغان، ئالايلۇق بەلگىلىمىدە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا باشقا تەپتىش ئەمەلدارلىرى، باشقا خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى ياكى باشقا ئەدلىيە ئورگانلىرى بېجىرىۋاتقان دېلولارنى ھەددىدىن زىيادە سۈرۈشتۈرۈش، ئارىلىشش، دېلودىكى دەۋاگەرگە يول مېڭىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا دېلودىكى دەۋاگەرگە ئالاھىدە بېكىتىلگەن ئادۋوكاتنى ئۆزى بېجىرگەن دېلودىكى شىكايەت ۋاكالەتچىسى، ئاقلىغۇچى سۈپىتىدە تونۇشتۇرۇش ياكى دەۋاگەردىن ئادۋوكاتنى ئالماشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىش، شۇ ھەقتە بىشارەت بېرىشنى قاتتىق چەكلەش ئېنىق تەلەپ قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر