باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

«ئىراق-شام ئىسلام دۆلىتى» ياپونىيەلىك تۇتقۇننى سولاقلىق ئايال مەھبۇسقا ئالماشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى

2015.01.27 18:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەسەبىي تەشكىلات «ئىراق-شام ئىسلام دۆلىتى» ياپونىيەلىك تۇتقۇن يۇكاۋا خارۇكانانى ئۆلتۈرگەنلىكىنى جاكارلىغاندىن كىيىن، يەنە «باھا» قويدى، ئىئوردانىيەدە سولاقلىق ئايال مەھبۇس لىساۋىنى قويۇپ بېرىشنى يەنە بىر ياپونىيەلىك تۇتقۇن گوتونى قويۇپ بېرىشنىڭ شەرتى قىلدى. ياپونىيە ئىئوردانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن جىددىي كېڭەشمەكتە. «ئايال مەھبۇسقا ياپونىيەلىك تۇتقۇننى ئالماشتۇرۇش» خەۋىرى ئىئوردانىيەدە تارقالغاندىن كىيىن، ئىئوردانىيە دۆلەت ئىچىدە ئومۇميۈزلۈك قارشى تۇرۇپ، لىساۋىنى دەرھال ئۆلتۈرۈشنى كۈچلۈك تەلەپ قىلغان. ئاز بولمىغان تەھلىلىچىلەر، ئىئوردانىيەنىڭ لىساۋىدىن پايدىلىنىپ، گوتو كېنجىنى ئالماشتۇرۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى، چۈنكى ئىئوردانىيەنىڭ بىر ئۇچقۇچىسىمۇ «ئىراق-شام ئىسلام دۆلىتى» تەرىپىدىن ئەسىر ئېلىنغان، ئەگەر ئىئوردانىيە لىساۋى ئارقىلىق ياپونىيەلىك تۇتقۇننى ئالماشتۇرۇشقا قوشۇلسا، ئىئوردانىيەدە قارشىلىق نامايىشى پارتلىشى مۇمكىن، ھەتتا بۇ ياپونىيە بىلەن ئىئوردانىيەنىڭ مۇناسىۋىتىدە يېرىلىش پەيدا قىلىدۇ، دېدى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر