باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىيات قېلىپىدا زور ئۆزگىرىش بولدى

2015.01.29 09:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2014-يىلى ئېلىمىزنىڭ چەتئەلگە سالغان مەبلىغى يۈز مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتتى، چەتئەلگە مەبلەغ سېلىش چەتئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىشتىن تېز بولدى. ئېلىمىز ئەمەلىيەتتە كاپىتال چىقارغۇچى دۆلەت بولۇپ قالدى، بۇ ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنىڭ ئاساسلىقى ئېكسپورت ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىشقا تايىنىپ ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئەندىزىسىدە زور بۇرۇلۇش بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  ئۆتكەن يىلى ئېلىمىز پۇل مۇئامىلە تۈرىدىن باشقا چەتئەلگە بىۋاسىتە سالغان مەبلىغى 102 مىليارد 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، %14.1 ئېشىپ، ئۇددا ئۈچ يىل يەر شارى بويىچە 3-چوڭ چەتئەلگە مەبلەغ سالغۇچى دۆلەت بولۇپ قالدى.

  2002-يىلىدىكى 2 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئۆتكەن يىلىدىكى 102 مىليارد 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى، ئېلىمىزنىڭ چەتئەلگە مەبلەغ سېلىش كۆلىمى قىسقىغىنا 13 يىلدا 40 ھەسسىگە يېقىن ئاشتى. ئېلىمىز كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش دائىرىسى يەر شارىدىكى 184 دۆلەت ۋە رايونغا تارقالدى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھازىر 30 مىڭغا يېقىن جۇڭگو كارخانىسى بار، چەتئەلدىكى مۈلۈك كۆلىمى 3 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتتى، چەتئەلدە خىزمەت قىلىۋاتقان جۇڭگو شىركەتلىرىنىڭ خادىملىرى بىر مىليوندىن ئاشتى.جۇڭگو تاۋار ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتتىن كاپىتال ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتكە قاراپ زور بۇرۇلۇش ياسىدى، دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو پۇرسىتىنى كۆرسىتىپ قويدى.ئافرىقىدا دورا زاۋۇتى قۇردى، ياۋروپادا بانكا سېتىۋالدى، ئاسىيادا سانائەت باغچە رايونى قۇردى، ياسىمىچىلىقتىن مۇلازىمەتكىچە، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىن تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرگىچە، جۇڭگو كاپىتالىنىڭ يەر شارىدىكى تەسىر كۈچى پەيدىن پاي روشەنلەشتى، سودا مىنىستىرلىقى تەمىنلىگەن مەلۇماتقا قارىغاندا، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ چەتئەلگە مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنىڭ 4تىن 3 قىسمى پايدا ئالغان ياكى پايدا زىيان تەڭپۇڭ بولۇش ھالىتىنى ساقلىغان. يېڭى ھالەتتە چەتئەلگە مەبلەغ سېلىشنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلىنىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر