شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 27-يانۋار ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ۋە ئۇنىڭ خانىمى مىچېل مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن سەئۇدىي ئەرەبىستاننىڭ رىياد شەھىرىگە يېتىپ باردى، سەئۇدىي ئەرەبسىتاننىڭ يېڭى پادىشاھى سالمان ئايرودۇرۇمغا چىقىپ كۈتۈۋالدى. ئومابا ھىندىستاندىكى زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن، سەئۇدىي ئەرەبىستانغا كېلىپ مەرھۇم پادىشاھ ئابدۇللاغا تەزىيە بلىدۈردى ھەمدە يېڭى پادىشاھ سالمان بىلەن ئىككى تەرەپ سۆھبىتى ئۆتكۈزدى.