باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جەنۇبى شىنجاڭدا تۇنجى تېز يەتكۈزۈش سانائەت باغچىسى قۇرۇلىدۇ 9 تېز يەتكۈزۈش شىركىتى ئورۇنلاشماقچى

2015.01.28 19:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نەچچە كۈندىن بۇيان، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۇنجى تېز يەتكۈزۈش سانائەت باغچىسىنىڭ ئورۇن تاللاش، پىلانلاپ لاھىيەلەش قاتارلىق خىزمەتلىرى جىددىي قانات يايدۇرۇلىۋاتىدۇ، ھازىرغىچە ئاللىقاچان دۆلەت ئىچىدە نامى بار9تېز يەتكۈزۈش كارخانىسى ئورۇنلىشىش ئىستىكىنى ئىپادىلىدى. بۇ سانائەت باغچىسى جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئېلكترونلۇق سودا ئوبروتىنىڭ سەۋىيسىنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈپلا قالماي، يەنە تارىم ئويمانلىقىنىڭ مول، ئەلا خام مەھسۇلاتلىرىنى ئېلىكترونلۇق سودا ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەت ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىستېمال بازىرى بىلەن بىۋاسىتە ئۇلايدۇ.

  تېز يەتكۈزۈش سانائەت باغچىسى جەنۇبى شىنجاڭدىكى تۇنجى دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىساد تېخنىكا ئېچىتىش رايونى كورلا ئىقتىساد تېخنىكا ئېچىتىش رايونىغا جايلاشقان. مۇخبىرنىڭ ئېچىۋېتىش رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، تەخمىنەن400 مىليون مەبلەغ سېلىنغان جەنۇبى شىنجاڭ تېز يەتكۈزۈش سانائەت باغچىسى، يىغىش ئايرىش، ئامباردا ساقلاش، ئايرىپ يەتكۈزۈش بىر گەۋدە قىلىنغان مەخسۇس تۈرلۈك تېز يەتكۈزۈش سانائەت رايونى، كۈندىلىك تېز يوللانما بىر تەرەپ قىلىش مىقدارى 85مىڭ. سانائەت باغچىسى قۇرۇلغاندىن كىيىن، جەنۇبى شىنجاڭغا كىرىپ چىقىدىغان تېز يوللانمىلار ئۈرۈمچى ئارقىلىق يۆتكەلمەي بەلكى جەنۇبى شىنجاڭ تېز يەتكۈزۈش سانائەت باغچىسى ئارقىلى بىۋاسىتە ئايرىلدىكەن، ۋاقتى ئەسلىدىكى 5-7 كۈندىن2-3 كۈنگە قىسقىرايدىكەن، بىرلا ۋاقىتتا، جەنۇبى شىنجاڭنىڭ داڭلىق مەھسۇلاتلىرىمۇ بۇ «پورت» ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەت ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيا ئىستېمال بازىرىغا كىرىدىكەن.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر