باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ، شىزاڭ، چىڭخەي قاتارلىق جايلار سىياسىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان پارتىيەلىك كادىرلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى

2015.01.28 16:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تولۇق بولمىغان ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، شىنجاڭ، شىزاڭ، چىڭخەي قاتارلىق جايلار 2014-يىلدىن بۇيان، سىياسىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان قىسمەن پارتىيەلىك كادىرلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان ۋە ئاشكارا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلغان.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش-مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى 2014-يىلى سىياسىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش دېلوسىغا چېتىلىدىغان 323 دېلو ۋە 355 كىشىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى، بۇ ئومۇمىي تۇرغۇزۇلغان دېلونىڭ ٪14.5نى ئىگىلەپ، 2013-يىلدىكىدىن ٪602.1 ئاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى يەكەن ناھىيەسىدىكى «28-ئىيۇل»، قەشقەر شەھىرىدىكى «30-ئىيۇل» ۋە بۈگۈر ناھىيەسىدىكى «21-سېنتەبىر» زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسىدا ئالاقىدار پارتىيەلىك رەھبەرلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈردى.چىڭخەي ئۆلكىلىك پارتكوم 25-يانۋار مەركەز 3-كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ قايتما پىكرىنى تۈزىتىش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. 2014-يىلى ئۆلكە بويىچە لاياقەتسىز پارتىيە ئەزاسىدىن 583نى بىر تەرەپ قىلدى.

  شىزاڭ ئاپتونوم رايونىدا 2014-يىلى 15 كىشى سىياسىي ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، پارتىيە ئىنتىزامى ۋە مەمۇرىي ئىنتىزام بويىچە چارە كۆرۈلدى. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى پارتىيە ئەزالىرى ۋە دۆلەت خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ سىياسىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش تىپىك دېلوسىدىن ئالتىنى ئاپتونوم رايون بويىچە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى، يەنە ئۆز ئالدىغا ئىش ئورنىدىن ئايرىلغان، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغان 45 پارتىيە ئەزاسىنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلدى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر