خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىسپانىيە ۋاقتى 26- يانۋار 15تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، گېرىتسىيە ھاۋا ئارمىيسىنىڭ بىر قوش كىشلىك ئۇرۇش ئايروپىلانى ئىسپانىيەدىكى شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ مەشىق مەركىزىدە نورمال مەشىق ئېلىپ بېرىۋاتقاندا، يەردىن كۆتۈرۈلگەندىن كىيىن كونتىروللىقىنى يوقىتىپ ئايروپىلان توختىتىش چىملىقىغا چۈشۈپ كەتكەن، تولۇق يېقىلغۇ ماي ۋە مەشىق سىنارەدى قاچىلانغانلىقتىن، پارتىلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۇچۇش مەشىقى ئېلىپ بېرىۋاتقان باشقا دۆلەت ئايروپىلانلىرىغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن. گىرىتسىيەنىڭ ئىككى نەپەر ئۇچقۇچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوننەچچە ئادەم ئۆلگەن، ئوننەچچە ئادەم كۈيۈپ يارلانغان، 6 ئادەمنىڭ يارىسى ئېغىر.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى