باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېغىر كېسەللەر سۇغۇرتىسى جايلاردىكى شەھەرلەرنى قاپلايدۇ

2015.01.29 09:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو سۇغۇرتا نازارەتچىلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى شياڭ جۈنبو تۈنۈگۈن ئېچىلغان مەملىكەتلىك سۇغۇرتا نازارەت قىلىش باشقۇرۇش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: بۇ يىل سۇغۇرتا كەسپى ئۈچ زور ئىسلاھاتنى يولغا قويۇپ، ئۈچ زور سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغدايدۇ.

  بۇ ئۈچ چوڭ ئىسلاھات تۆۋەندىكىچە: 1-، سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈش. ھازىر سودا ئاپتوموبىل سۇغۇرتا ئىسلاھاتىنىڭ ئۈلگە ماددىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، ھەق نىسبىتىنى ھېسابلاش ۋە يېڭى كونا مەھسۇلاتلارنى ئالماشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەر ئاساسەن ئىشلىنىپ بولدى. ئىسلاھات لايىھەسىنى گوۋۇيۈەن تەستىقلىغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن خېيلۇڭجياڭ قاتارلىق ئالتە ئۆلكە، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردە سىناق قىلىنىدۇ. يىل ئىچىدە ئۇنىۋېرسال سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتى ئىسلاھاتى رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ، پايدا تەقسىملىنىدىغان سۇغۇرتا ھەق نىسبىتى ئىسلاھاتى يولغا قويۇلۇپ، تىرىشىپ بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن جىسمانىي سۇغۇرتا ھەق نىسبىتىنى بازارلاشتۇرۇش ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. 2-، 2-ئەۋلاد تۆلەم بېرىش ئىقتىدارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسى يولغا قويۇلىدۇ. 3-، كاپىتال ئىشلىتىشنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ. ئەمەلىي گەۋدە ئىقتىسادىغا ماس كېلىدىغان مەخسۇس مەدەت بېرىش سىياسىتى تۈزۈلۈپ، سۇغۇرتا مەبلىغىنىڭ ياشانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمەت كەسپىگە تېخىمۇ ياخشى سېلىنىشىغا، يېڭىچە شەھەر بازارلاشتۇرۇش، كەپىلىك رايونلارنى ئۆزگەرتىش، پەن تېخنىكا تىپىدىكى كارخانىلار، مىكرو كارخانىلار ۋە ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرگە بىۋاسىتە سېلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر