باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنى تەرتىپلىك ئايلاندۇرۇش پىكرى» چىقىرىلدى

2014.11.21 13:32         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى يېقىندا «يېزا يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنى تەرتىپلىك ئايلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى مۇۋاپىق كۆلەمدە باشقۇرۇشنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش ھەققىدىكى پىكىر»نى چىقاردى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل، ئىزچىل ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  پىكىردە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يەرلەرنى ئايلاندۇرۇش ۋە مۇۋاپىق كۆلەمدە باشقۇرۇش-زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى بولۇپ، يەر بايلىقىنى تەقسىملەشنى سەرخىللاشتۇرۇش ۋە ئەمگەك ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە، ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىشقا، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىپ پايدىلىنىش ھەم يېزا ئىگىلىك ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىشكە پايدىلىق، شۇڭا ئېلىمىزنىڭ ئادەم كۆپ، يەر ئاز، يېزا ئەھۋالىدا پەرق چوڭ بولۇشتىن ئىبارەت ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، پائال، مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  پىكىر-ئومۇمىي تەلەپ، يېزا يەرلىرىنى ھۆددىگە ئېلىش مۇناسىۋىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، يېزا يەرلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى تەرتىپلىك ئايلاندۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە يېتەكلەش، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش ئاساسىي گەۋدىسىنى تېزدىن يېتىشتۈرۈش، يېزا ئىگىلىكنى ئىجتىمائىيلاشتۇرۇش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشتىن ئىبارەت بەش قىسىمغا بۆلۈنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر